قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يالغۇز ياشاۋاتقان ياشانغانلار دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

2017-07-13 19:39:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز ياشاۋاتقان ياشانغانلار كۆپىيىپ قالدى، ناۋادا ئۇلار ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشىمىسە، بەلكىم ھەر ۋاقىت ئۆزىنى يالغۇز، يېگانە ھىس قىلىپ غېرىپسىنىشى، ھوزۇرىنى سۈرۈشكە تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن قۇرۇق قېلىپ ئاخىرىدا ئۆزىنى بەختسىز ھېس قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ياشانغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى روھىي ھالەتتە كۈنلىرىنى ئەھمىيەتلىك ۋە خوشال- خورام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپادارلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا مەدەت بولۇش بۇرچى بار، ئەلۋەتتە.
كىشلەر يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قېرىشتىن، كۈچ- ماغدۇرىدىن قېلىشتىن، يالغۇز ياشاشتىن قورقىدۇ. ئادەمنىڭ قېرىشى نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ياشانغاندا دەۋرنىڭ ھەر خىل ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلىشالماسلىق، قاتمال ئىدىيەدىن قۇتۇلالمىغاننى ئاز دەپ يېڭى ئىدىيەنى قۇبۇل قىلالماسلىق، كونا ئۇسۇل ۋە قاراشلارغا جاھىللارچە ئېسىلىۋېلىش قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلار ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ. ياشانغانلار پىسخىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىدا، يالغۇز ياشاۋاتقان ياشانغانلار ئۆزىگە تەۋە بەختنى چىڭ تۇتماقچى بولسا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىكى ياشاش ئىقتىدارىنى سىجىل يۈكسەلدۈرمىسە بولمايدىكەن:
1. ياشانغانلار ساغلاملىقىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
ئۆيدە ئېلېكترونلۇق قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، تېرمومېتىر، زاپاس دورا- دەرمەك ۋە جىددى سېگنال بېرىش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى ھازىرلاپ قويۇشى، زۆرۈر بولغاندا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. تۇرۇۋاتقان موھىتىنىڭ پاكىزلىقىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ئامال بار يوقىتىشى كېرەك؛ يان تېلېفونىنىڭ جىددىي سېگنال ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك. ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزىنىڭ قوربى يەتمىسە، پەرزەنتلىرىنى، مەھەللىدىكى ياشلارنى ياكى مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ياردەمگە چاقىرسا بولىدۇ.
2. قەرەللىك ساغلاملىق تەكشۈرتۈش:
ياشانغانلار شارائىتى يار بەرسە، ئىككى ئايدا بىر قېتىم سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، مەسىلە بايقالغان ھامان ۋاقتىدا داۋالىنىش، كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.
3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش:
ياشانغانلار سالمىقى ئېغىر ياكى زىيادە جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك، لېكىن ياشانغانلارنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىشى، بەدەن چېنىقتۇرۇشى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ھەم روھىي كەيپىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق. پەي سوزۇش، مېڭىش، ساياھەت قىلىش، بەزى ئاددى گېمناستىكا ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش قاتارلىقلار ياشانغانلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ھەرىكەت تۈرلىرى.
4. ئوزۇقلۇق ماددىغا قاراپ غىزالىنىش:
ياشانغانلار غىزالانغاندا قورساق تويغۇزۇشنىلا مەقسەت قىلماي غىزانىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغىمۇ دېققەت قىلىشى كېرەك. غىزانىڭ مىقدارى ئاز، قېتىم سانى كۆپ بولسا تېخىمۇ ياخشى. كەچلىك تاماقتا بەك ئېغىر تاماقلارنى يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. يېنىك، كۆپ خىل يېمەكلىكنى ئاساس قىلىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ياشانغانلارغا نىسبەتەن توغرا غىزالىنىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
5. ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماسلىق:
ياشانغانلار پات- پات ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەر، قوشنا- قۇلۇملارنى تەكلىپ قىلىپ ياكى ئۇلارنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، گۇڭۇر- مۇڭۇر سۆھبەتلەردە بولغىنى، قۇيۇق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ساقلىغىنى، يېقىن- يورۇقلار بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇڭدىشىپ تۇرغىنى ياخشى، بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق.
ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ تۇرغىنى ياخشى، مەيلى چېنىقىش، كۆكتات سېتىۋېلىش، كوچا ئايلىنىش، ئۆگىنىش قىلىش بولسۇن، ۋە مەيلى تونۇش- بېلىش ۋە دوستلارنى يوقلاش، ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ ھوزۇرىدا بولۇش قاتارلىقلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىنتايىن توغرا تاللاش، ئەگەر ئۇلارنىڭ كوللىكتىپ ھەرىكەتكە قاتناشقۇدەك ماغدۇرى بولسىلا ئەھۋال تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. كوللىكتىپ ساياھەتكە چىقىش ياكى يېقىن- يورۇقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى پەرۋىش ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتەلەيدۇ.
6. قىزىقىشىنى قايتا تېپىش:
ئۆزىنىڭ قىزىقىدىغان ياكى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىنى قىلىشتىن ئېرىنمەسلىك ياكى ۋاز كەچمەسلىك. بولۇپمۇ ئۆزى ئىلگىرى ۋاقتىنى ھەم زېھنىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلغان ئىشلارنى قايتا قولىغا ئېلىش ياشانغانلارنى يېڭى نىشانغا يېتەكلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ياشانغانلىقىنى باھانە قىلىپ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتمىگىنى ياخشى، چۈنكى قىزىقىشى بار ئادەمنىڭ ھەرىكەت قىلىش جاسارىتىمۇ بولىدۇ.
ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا غەيرەت قىلىش. يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ياكى ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى سىناپ بېقىش بەلكىم ياشانغانلارغا ئۆزلىرى ئويلىمىغان خوشاللىق، ئاكتىپ كەيپىيات، يېڭىچە تەسەۋۋۇر، قىسقىسى، نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىم. تۆۋەندىكى مىساللار يۇقىرى سزلەرنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.
ئارتىش ۋاڭ دېشۈن 80 يېشىدا سەھنىگە چىققان؛ تەيۋەنلىك يې شىنكاڭ 90 يېشىدا ئىمتىھان بېرىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن فۇدەن ئۇنۋېرستېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنىستىتوتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا ئۆتكەن؛ 105 ياشقا كىرگەن تەيۋەنلىك جاۋ مۇخېمۇنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ قىزىقارلىق، ئۇ 74 يېشىدا ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنى يالغۇز ساياھەت قىلغان؛ 87 يېشىدا نەۋرىسى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن؛ 91 يېشىدا گاۋيا «مۇئەللەق» ئۇنۋېرستېتىنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، 98 يېشىدا ماگىستېرلىق ئۇنۋېرستېتىغا ئېىشكەن، 100 ياشلىق بۇ بوۋاي بۇ يىلدىن باشلاپ، چىڭخۇا ئۇنۋېرستېتى جۇڭگو ئەدەبىيات فاكولتېتىدا جۇڭگو تارىخى دەرسىنى ياندىن ئاڭلاۋاتىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن دەرسكە كېچىكمەيدۇ، بالدۇر قايتمايدۇ، ئۇ يەنە تېخى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ دوكتور ئاسپرانتلىق سىنىپىغا تىزىملاتماقچى، شۇڭا ئۇنى «قانچىلىك ياشىسا، شۇنچىلىك ئۆگىنىش» دېگەن ھىكمەتنى پەللىگە يەتكۈزۈشنىڭ ئۈلگىسى دەپ تەرىپلىسە ئارتۇق كەتمەيدۇ. خۇلاسە شۇكى، ئادەم قېرىسىمۇ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ئۆزىنى ۋە ھاياتنى سۆيۈپ، روھىنى ياش تۇتۇپ يېڭىلىققا ئىنتىلىشقا جۈرئەت قىلسا، ئەلۋەتتە مەنىلىك ئۆمۈرنىڭ ئۆزىگە خاس پارلاق مۇساپىسىنى يارىتالايدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى