ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى پەللىنى كۆزلەۋاتقان شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسى

2017-07-17 17:38:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
7- ئاي كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بۆلەكچە ئىسسىپ كەتتى، بىراق بۇ ئىسسىق مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان چېلىشچىلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىدىن بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چېلىشچىلار بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىۋەتكەنىدى. ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ مەشىقىنىڭ سىجىللىقىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ باردى. مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان چېلىشچى يىگىتلەر 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۇيان كۈنىگە سەككىز سائەتكە يېقىن مەشىق قىلىۋاتاتتى.
 7- ئاينىڭ 7- كۈنى ھاۋا ئەتىگەندىلا ئىسسىپ كەتتى. مەشىق زالىدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان مۇزىكا ياڭراپ تۇراتتى، ئېغىر مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان چېلىشچى يىگىتلەر بەزىدە مۇزىكىغا ماسلىشىپ ئۈنلۈك ۋارقىراپمۇ قوياتتى، ئىسسىقتا يېرىم يالىڭاچلانغان چېلىشچى يىگىتلەرنىڭ بەدىنىدىن توختىماي تەر قۇيۇلاتتى، لېكىن كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بۇ ئىسسىق ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمىدى. ئىشتانكا كۆتۈرۈش، تورنىك ئويناش، قورساق قاتلاش، يەر بېغىرلاش، ئارقانغا يامىشىش... مەشىق ئۆز تەرتىپىدە داۋاملىشىۋەردى.
 شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئالىم بىلەن تىرېنېر ئېربول جانابىل چېلىشچى يىگىتلەرنىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئىلگىرى چېلىشچى بولغان بۇ ئىككى تىرېنېر مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدەك بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق كۆرگەندە، قاراتمىلىقى كۈچلۈك مەشىق پىلانى تۈزۈش ۋە تۈزگەن پىلاننى قەتئىي ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوبدان بىلگەچكە، چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى تەكلىپ قىلغان كورېيەلىك ئىككى تىرېنېر بىلەن بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا مۇكەممەل مەشىق پىلانى تۈزگەنىدى ۋە چېلىشچى يىگىتلەرنى مۇشۇ پىلان بويىچە مەشىقلەندۈرۈۋاتاتتى.
«شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدال ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كوماندىلارنىڭ بىرى، شۇڭا زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت بىر قەدەر ئېغىر» - دېدى باش تىرېنېر ئالىم كېرەم، «− كوماندىمىزدىكى يەتتە چېلىشچى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىزدىن تۆت تەنھەرىكەتچى قاتناشقانىدى.»
 شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىدىكى ھازىر بار بولغان ماھىرلارنىڭ كۆپىنچىسى 2010- يىلى 8- ئايدا كوماندا قايتىدىن تەشكىللەنگەندە قوبۇل قىلىنغانىدى، ئالىم كېرەم بىلەن ئېربول جانابىلمۇ شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ كوماندىنىڭ تىرېنېرى بولدى. يەتتە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ياش كوماندا ھازىر ئېلىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئابدۇسەمى ھېكىم، ھەسەن ئەيسا، شاتلىق يۇنۇس، ئالىمجان ئابدۇرېشىت، ۋەلىخان سېرىك، تورباتۇ، جاگار نۇرلانقان يەتتە يىل مابەينىدە خېلى كۆپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، تەجرىبە توپلىدى.
   « 2013- يىلى 9- ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان چاغدا مەن 20 ياشتا ئىدىم» - دېدى ئابدۇسەمى ھېكىم، - ئەپسۇس، شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 5- لىككە ئېرىشتىم، لېكىن تۆت يىلدىن بۇيان كۆپ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم، بۇ قېتىم سەۋىيەمنى چوقۇم ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.»
 2010- يىلى كوماندىغا كىرگەن ئابدۇسەمى ھېكىم كوماندىدىكى كونا ماھىرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، 2013- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىدىكى باشقا بەش چېلىشچى بىلەن بىللە دۆلەت قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىغا تاللاندى ۋە دۆلەت كوماندىسىدا 2016- يىلى 6- ئايغىچە تۇردى. ئابدۇسەمى ھېكىم ۋە باشقا چېلىشچىلار بۇ بىر قانچە يىلدا تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە ئېرىشىپ، كۆپ چېنىقتى ۋە كۆپ تەجرىبە توپلىدى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسى تېز يۈكسەلدى.
مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، - دېدى ئېربول جانابىل، - بۇ نەتىجىلەر ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېلىشچىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشەنچمىز كامىل.
 ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك تەنھەرىكەت تۈرى بولغان قەدىمچە چېلىشىش تۈرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى 2010- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېلىشىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ياش، قابىل تىرېنېرلارنى سەپلەش بىلەن بىللە، كورېيەدىن ئىككى تىرېنېرنى تەكلىپ قىلدى ۋە قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە، چەت ئەل كوماندىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ھەمراھلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتتى.
   « خېنەن كوماندىسى بىز بىلەن ھەممىدىن ئاۋۋال ھەمكارلاشقان كوماندا، كوماندىمىزنىڭ تېز ئىلگىرىلىشىنى خېنەن، بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ ۋە ئازادلىق ئارمىيە كوماندىلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، - دېدى ئالىم كېرەم، - كوماندىمىز يەتتە يىلدىن بۇيان بۇ كوماندىلار بىلەن كۆپ قېتىم تەكلىپ مۇسابىقىسى ئوينىدى، بىرلىكتە مەشىق قىلدى، بۇ كوماندىمىزغا كۆپلەپ تەجرىبە ئۆگىنىدىغان، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلايدىغان، ئەمەلىي جەڭ ئارقىلىق چېنىقىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى.»
 ئالىم كېرەمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان يەتتە چېلىشچى تىرېنېرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە نۇقتىلىق كۈچ مەشىقى قىلغان، 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ تېخنىكا مەشىقى ۋە ئەمەلىي جەڭ ماھارىتى مەشىقىنى كۈچەيتكەن، ئۇلار 7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ چىدامچانلىق مەشىقىنى باشلايدىكەن، بۇنداق قاراتمىلىققا ئىگە، سىجىللىقى يۇقىرى مەشىق 8- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
   مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېلىشىش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى باشلىنىدۇ. 2015- يىلىدىن بۇيان ئېلىمىز بويىچە كوللېكتىپ ئالدىنقى ئۈچ كوماندىنىڭ ئىچىدىكى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلگەن شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىدىكى تىرېنېر ۋە چېلىشچى يىگىتلەر بۇ مۇسابىقىدە يېڭى بىر پەللىگە ئۆرلەش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچىمەكتە.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى