قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاتا- ئانىمىز غەمخورلىقىمىزغا مۇھتاج

2017-07-17 19:41:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
تولۇقسىزغا چىققان ئوغلۇم ناھىيە بازىرىدا ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى.  بۈگۈن ئۇنىڭ كېلىدىغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ئامراق تاماقنى ئېتىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى  ساقلاپ ئولتۇردۇق. ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان چوڭ يولنى رېمونت قىلىۋاتقاچقا كوچا  ئابتۇبۇسى بىر سائەتتە ئاران يېتىپ كېلەتتى. ئاكىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەتكەن  كىچىك ئوغلۇم خېلى ئۇزۇندا  «ئاكام كەلمىدى» دەپ قايتىپ كىردى. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، ئادەتتە بالىلارغا ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيدىغان مىجەزى چۇس ئېرىممۇ مەندىن بەكرەك تىت- تىت بولۇشقا باشلىدى ۋە ھېلىغىچە كېلىپ قالار، تاماقنى  يەۋېرەيلى، دېگىنىمگە قارىماي چاپىنىنى كىيىپلا سىرتقا ماڭدى....
يېڭىدىن ئۆي ئايرىپ چىققان تۇنجى يىلى ھېيت ھارپىسىدا بىر نەچچە  خىزمەتدىشىم بىلەن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ كەچ قالدىم. شۇ كۈنى كەچتە بىز  چوڭ ئۆيگە بارغاندا، بالىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بىزنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىكەن. -"ئاكا  نېمانچە  يوقاپ كېتىسىلەر، سىلەرنى ساقلاپ تاماقمۇ يېمىدۇق، دادام تولا يولۇڭلارغا  قاراپ سىلەر كەلمىگەندىن كېيىن، خاپا بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ئۆزۈڭ چۈشەندۈرۈپ باشلاپ چىق"،- دېدى قېينىسىڭلىم مېھمانخانا ئۆينى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، شۇ ئىشتىن كېيىن مەن خېلى كۈنگىچە "بىز قەستەن قىلمىساق، دادىڭىز  نېمانداق قىلىدۇ، يالغۇز  بىرلا ئوغلى باردەك" دەپ كۇتولداپ يۈرگەنىدىم. مانا ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىزمۇ بالىمىزنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز. "مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام  كۆيەر بالىسىغا" دېگەن سۆز نېمە دېگەن جايىدا ئېيتىلغان -ھە!
ئاتا-ئانىمىز ئۆزىدىنمۇ بەكرەك بىزگە كۆيۈنىدىغان، قىلغىنىغا ھەرگىز مېھنەت قىلمايدىغان، سۆيۈشىمىزگە ھەم ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بىردىنبىر ئادەمدۇر. بىزدە ۋاپادرلىق كەم ئەمەس، ئەمما، بىز دائىم مۇنداق خاتالىققا يول قويىمىز،  پۇل تاپقاندا  ئاتا- ئانامغا ۋاپادارلىقىمنى ئوبدان يەتكۈزىۋالىمەن، ئۆي ئالغاندا ئۇلارنى يېنىمغا  ئەكىلىۋېلىپ ئوبدان باقىمەن، ئالدىمدىكى ئالدىراشلىقلارنى تۈگىتىۋېلىپلا يوقلاپ كېلىمەن. ئەمما، كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈۋېرىدۇ، ئىجارە ئولتۇرغان ئۆيدىن "ئۆزىمىزنىڭ" ئۆيىگە، ئاندىن بىنا ئۆيگە، ئاندىن تېخىمۇ چىرايلىق، تېخىمۇ ئازادە ئۆيگە كۆچكىمىز كېلىدۇ، مائاشىمىز ئۆسۈپ ياكى سودىمىز يۈرۈشۈپ كەتسە، بىزنىڭمۇ باشقىلاردەك داڭلىق ماركىلىق كىيىم -كېچەكلەرنى كىيگىمىز، كىچىك ماشىنىدا ئولتۇرغىمىز كېلىدۇ، پۇل تاپقانسېرى،  مۇناسىۋەت تورىمىز كېڭەيگەنسېرى  ئالدراش  بولۇپ كېتىمىز.  بۇ "ئالدىراشلىقلار" ئاتا- ئانىمىزنى جاپا ۋە كېسەل ئازابىدىن  قۇتۇلدۇرۇپ، راھەتكە ئېرىشتۇرىدىغان ئىقتىسادىي قۇربىتىمىزنى، ئۇلارنىڭ ھالىغا  يېتىپ، دەردىگە دەرمان بولىدىغان قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى تۇيدۇرماي ئېلىپ كېتىدۇ. بىز پەقەت بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، خىزمەت ۋە سودىدا ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇققاندا، ئىچىمىز غەم - قايغۇغا تولغاندا ئۇلارنى ئەڭ ئاۋۋال ئەسكە ئالىمىز. بىزنىڭ بېشىمىزنى  سىلاپ   گېپىمىزنى  كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، دەردىمىزگە يېتىپ، بىزگە تەسەللى بېرەلەيدىغان يەنىلا ئۇلار. چۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ تېغىمىز، بېغىمىز ۋە يايلىقىمىز ھەم بايلىقىمىز. ئىنساننىڭ ھاياتلىقى ئەمدى باشلانغاندا ئۇلار دۇنيادىكى بارلىق نەرسىنى تۇتۇۋالماقچى بولىدۇ. ھاياتلىق ئاخىرلاشقاندا، ھەممە نەرسە شۇ قوللاردىن سىرغىپ چىقىپ كېتىدۇ". بىز ھەممە نەرسىمىزنى تولۇق قىلىۋېلىپ ئاندىن ئاتا-ئانىمىزغا ۋاپادارلىق يەتكۈزىمىز دېسەك، ئاتا- ئانىمىز بىزنىڭ كېلىپ ۋاپادارلىق يەتكۈزىشمىزنى مەڭگۈ كۈتۈپ تۇرالمايدۇ. ئاتا-ئانىمىزنىڭمۇ بىزدىن ئەبەدىي ئايرىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ.
بالىلىق بولغان ھەر بىر ئاتا-  ئانا ئۆزىنىڭمۇ  بالا ئىكەنلىكىنى، ئۆزى ئۈچۈن  كۈيۈۋاتقان، سەكپارە بولۇۋاتقان، سېغىنىۋاتقان، غەمخۇرلۇق قىلىشىغا مۇھتاج بولۇۋاتقان  ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنى، يەنى ئاتا-ئانىسىنى، " ئاتا -ئانىنىڭ مۇھەببىتىنى ئەستىن  چىقارماسلىقى لازىم.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى