قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قورۇق يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر

2017-07-21 19:04:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 گۈرۈچ تامىقى ئارقىلىق قورۇق يوقىتىش:
گۈرۈچنى يۇمشاقراق پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى كۇمىلاچ قىلىپ ئىسسىق ۋاقتىدا (يۈز كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە) يۈزگە قويۇپ تاكى گۈرۈچ كۇمۇلىچى قارا بولغۇچە دومىلىتىپ، ئاندىن يۈزنى يۇيۇۋەتكەندە، تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى ماي ۋە پاسكىنا نەرسىلەر تولۇق چىقىپ كېتىدۇ ـ دە، تېرىنىڭ نەپەس ئېلىشى راۋانلىشىدۇ ۋە قورۇق سۇسلايدۇ.
توخۇ گۆشى ئۇستىخىنىنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى:
 توخۇنىڭ گۆشىنى چىقىرىۋېتىپ ئۇستىخىنىنى توخۇ تېرىسى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە، قورۇقنى يوقىتىپ، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ.
مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى:
 باناننى سىقىپ ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق زەيتۇن مېيىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە قورۇق يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ تاۋۇز شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسىمۇ تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ؛  ئۇندىن باشقا يەنە تەرخەمەك،پەمىدۇر، بۆلجۇرگەنلەرنىڭمۇ قورۇق يوقىتىش رولى بار.
چاينىڭ قورۇق يوقىتىش رولى:
چاينىڭ تەركىبىدە ناھايىتى مول كوئىن (茶多酚) ) كاربون سۇبىرىكمىسى، ئاقسىل، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىق خىمىيىۋى تەركىبلەر بار بولۇپ، ئۇلار تېرىنى نۇرلۇق، يۇمران قىلىپ قورۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرۈپ، قورۇقنى ئازايتىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
سېغىزنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى:
ھەر كۈنى 20 ـ 15 مىنۇت سېغىز چايناپ، بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى قورۇقلار سۇسلاپ يۈزگە قان يۈگۈرىدۇ. تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، يۈز تېرىسىنىڭ يۇمرانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.ئۇندىن باشقا، بىز كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭمۇ تېرىگە نىسبەتەن زىننەتلەش رولى بولىدۇ. مەسىلەن: تېرە ناھايىتى مول ئاقسىلغا موھتاج بولۇپ، كالا گۆشى، سۈت، تۇخۇم، ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار يەنى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) قاتارلىقلار.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى