قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئانىلار خاراكتېرىنىڭ ئەۋلادلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

2017-07-23 14:09:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 ئانىلارنىڭ خاراكتېرى بالىلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە ۋە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.  پەرزەنت ئۈچۈن ئائىلە ئەڭ دەسلەپكى «كىچىك جەمئىيەت»، شۇنداقلا تۇنجى تەربىيە بۆشۈكى. ئانا پەرزەنتنىڭ بىرىنچى ئۇستازى. پەرزەنت بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ كۆرىدىغىنى ئانا. تۇنجى ئاۋازىنى ئاڭلايدىغىنىمۇ ئانا. تۇنجى بولۇپ ھىدىنى پۇرايدىغىنىمۇ ئانا. ئانىنىڭ بالا بىلەن بىللە بولىدىغان مەزگىلى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. بالىلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ مەكتەپ يېشىغا يەتكىچە ئانىنىڭ تەربىيەسىدە بولىدۇ. بۇ چاغ پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېر يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ئانىلارنىڭ ياخشى- يامان خاراكتېرى پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئامىللارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. مىجەز - خاراكتېرىدە ئىجابىي ئامىللار يۇقىرى بولغان ئانىلارنىڭ تەربىيەسىدە بولغان بالىلاردا ياخشى خاراكتېر يىلتىز تارتىپ، سەمىمىي - راستچىل، ئوچۇق-يورۇق، چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئۈستۈن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك خاراكتېر يېتىلىدۇ. ئانىلار ئۆزىدىكى ناچار خاراكتېرنىڭ تەسىرى بىلەن بالىلارغا ئىللىق ۋە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتمىسا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە ماھىر بولمىسا، ئۆزئارا سىردىشىشنى، سورىغان سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشنى بىلمىسە ياكى بەزىدە مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، بەزىدە قاتتىق قوللۇق قىلىپ ئۇرۇش، تىللاشنى تەربىيە ئۇسۇلى قىلىۋالسا، ئېنىقكى، بالىلاردا ناچار خاراكتېر شەكىللىنىپ، جېدەلخور، چىدامسىز، مۇستەقىللىق قارىشى ئاجىز، ئىرادىسىز، مەنمەنچى، تەييارتاپ بولۇپ چوڭ بولىدۇ.
   ئەۋلادلاردا ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تەشەببۇسى يېڭى ئۇقۇم ياكى يېڭى كۆزقاراش ئەمەس. ئەجدادلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا بالىلاردا ياخشى مىجەز- خۇلق يېتىلدۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. خەلقىمىز ئارىسىدا «گۈزەل خۇلق ئىنسان ئەيىبىنى ياپقۇچ» دېگەندەك گەپلەر  «ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە قالماس» دېگەندەك ماقال- تەمسىللەردىن ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بالىلاردىكى ساغلام خاراكتېر ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېتىلىشىگە مۇنبەت تۇپراق، ياخشى پەرۋىش بولۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتە يەنىلا ئانىلار مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلاردا بالىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، بالىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ساغلام خاراكتېر، ياخشى مىجەز-خۇلق يېتىلىشى لازىم. دېمەك، ئانىلارنىڭ ساغلام خاراكتېرى بالىلار خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم. ئانىلار ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاۋۋال ئۆزىدە گۈزەل خۇلق، ئېسىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ، ئاندىن بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ يېتەكلىگەندە ۋە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەندە بالىلاردا ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى