قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاياللار ۋە ئۆي

2017-07-28 18:19:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئۆي ئەلمىساقتىن ئاياللار دۇنياسى، ئاياللارنىڭ كۆڭۈللۈك گۈلزارى. ئۇلار ئۆيىنى سۆيىدۇ، ئۆيىگە كۆيىدۇ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئاياللار ئۈچۈن ئۆينىڭ مەنىسى مەدەنىيەتنىڭ مەنىسىدەك يۈكسەك. ئەرلەرنىڭ قولايلىق، خاتىرجەم، قەلبى راھەتلىنىدىغان جايىمۇ ئۆيىدۇر. كىچىك چاغلىرىمىزدا ئوغۇللار مەھەللە ياكى ئۆستەڭ بويلىرىدا ئوينىغاندا، سىڭىللىرىمىز ياكى قوشنىلارنىڭ قىزلىرى ئويۇنغا ئارىلىشىپ قاملاشتۇرالمىسا، تۇشمۇ تۇشتىن «قىز بالا دېگەن ئۆينىڭ ئادىمى، ئۆيگە بېرىپ ئويناڭلار» دەپ چۇرۇلدىشىپ كېتەتتى. ھەتتا ئاتا -ئانىلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ شۇ گەپنى كۆپ ئاڭلايتتۇق. كىچىكىمدە بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە تازا يەتمىگەن ئىكەنمەن. چوڭ بولۇپ، بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقارغاندىلا، بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە يەتتىم.
 ئۆي ئاياللارنىڭ قولىدا بولسا، تۇرمۇش باشقىچە تۈس ئالىدۇ، ئايال كىشى يوق ئۆيدىن بوران ئۇچۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا چوڭلارنىڭ ئۆي باشقۇرۇشنى كىچىك بىر دۆلەتنى باشقۇرۇشقا ئوخشاتقىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. دېمىسىمۇ ئۆي كىچىك بىر دۆلەتكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق پىلانى، خۇشاللىق - ئازابى، ئۇرۇش - تالىشى، ئېلىم - بېرىمى، باردى - كەلدىسى بولىدۇ. ئەقىللىق ئەرلەر ھامان ئۆينى ئاياللارغا تاپشۇرىدۇ. بۇ قەدىمدىن شۇنداق بولۇۋاتقان ئىش. ئۆيدىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىگە خاس سەنئەت يوشۇرۇنغان. ئۇنى ماھىرلىق بىلەن ئىگىلىگەن ئاياللارنىڭ قەدىر - قىممىتى ئېشىپ، ئۆزلۈكىنى نامايان قىلىدۇ. شۇڭا بىر ئائىلىنىڭ روناق تېپىپ گۈللىنىشى ياكى بۇزۇلۇشى، بىر ئەرنىڭ ئۆمۈر بويى خاتىرجەم، بەختلىك ياشىشى ياكى نەس بېسىپ، چۈشكۈنلىشىشى ئايال كىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
 ئاياللار ئۆينى گۈلمۇ قىلىدۇ، كۈلمۇ قىلىدۇ. چەبدەس، ئېدىتلىق ئاياللار يېمەك - ئىچمەكنى قانداق ھازىرلاشنى، بىر ئۆيدە نېمىنىڭ كەم، نېمىنىڭ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بەش قولدەك بىلىدۇ. ئۇلارغا كىر يۇغۇچى، ئاشپەز، تىككۈچى، بالا باققۇچى، مال سېتىۋېلىش مۇتەخەسسىسى، ئاممىۋى مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى، ئادەم باشقۇرغۇچى، دەردمەنلەرنىڭ تەسەللىيچىسى، باش دىرېكتور، مەسلىھەتچى، ھېساب - كىتاب خاتىرىلىگۈچى قاتارلىق ساپا، ماھارەتلەر مۇجەسسەملەنگەن. بۇ ساپا، ماھارەتلەرنى ھازىرلىيالمىغان ئاياللار ھەشەمەتلىك داچا،كاتتا سارايلاردا ئولتۇرسىمۇ، بەرىبىر ئۇنى قوتانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. قىممەت باھالىق بۇيۇملار كۆپ، ھەشەمەتلىك، ئەمما رەتسىز، بۇيۇملارنىڭ تىزىلىشى بىر - بىرىگە ماس كەلمىگەن بۇنداق ئۆيلەرگە كىرسىڭىز قولايسىز بىر يەرگە كىرىپ قالغاندەك، شۇنچە چوڭ ئۆيدىمۇ ھاۋا يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز. بۇنداق ئاياللار چېچىلاڭغۇ، تەرتىپسىز، بەتخەج بولۇپلا قالماستىن، ئېرىنىڭمۇ باش - كۆزىدىن توپا ئۆرلەپ، قاچانلا قارىسىڭىز كەيپى ئۇچقان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.
ئۆي ئەر - ئايال، پەرزەنتنىڭ مۇقەددەس ئارامگاھى. ئەقىللىق ئايال ئۆز ئۆيىدە ئېرى، پەرزەنتلىرىگە پادىشاھ، شاھزادىلارچە تۇيغۇ ئاتا قىلالايدۇ. خۇشاللىق بولمىغان تۇرمۇش تولىمۇ مەززىسىزدۇر. خۇشاللىق بولمىسا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمايدۇ. ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئارقىلىق يېڭىچە سەرەمجانلاشتۇرۇش ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ ھەم ئائىلىنى ئىللىق، تىنچ ماكانغا ئايلاندۇرىدۇ. ئىدىتلىق ئايال ئىش قىلغاندا ئېھتىياتچان، سالماق، يۈرۈش - تۇرۇشى سالاپەتلىك، كەڭ قورساق بولۇپ، ئىشلارنى ئۆز لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ. ئەرمۇ مۇشۇنداق ئايال بىلەن ياشىغىنىدىن مەمنۇن بولۇپ، ھەر بىر ھەرىكىتىدە ئايالىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى بەجانىدىل ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى، قۇۋناقلىقى، خاتىرجەملىكى ئاشىدۇ - دە، بۇنداق ئائىلە ئەزالىرى ئىللىق ماكان ھۇزۇرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
 ئايال چىرايلىق بىر دەستە گۈل، ئەر ۋە پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ ياپرىقىدۇر. ئۇلار ئۆيىنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ تورۇسقا، پەردىلەرگە، پەردە كەينىدە ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن سېخىي نۇرلىرىنى چېچىۋاتقان قۇياشقا قاراپ يىللارنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سالىدۇ. ئۆيدە ئاياللار ھەقىقەتەن جاپا تارتقۇچى ھەم شادلانغۇچى. بۇنىڭدىكى لەززەتلىك تەمنى ئايالدىن باشقا ھېچكىم تېتىيالمايدۇ. ئاياللار ساپ مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۆينى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئۆينى ئەرلىرى، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىللىق جايغا ئايلاندۇرىدۇ ھەم شۇنداق قىلىشنى بۇرچۇم دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئەرلەر مەشرىق ياكى مەغرىپتە بولسۇن ئۆيىنى ئەسلەيدۇ، سېغىنىدۇ، تەلپۈنىدۇ. چۈنكى ئۆي ئۇلارغا مېھىر - مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى