قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قايغۇرماڭ، ئۈمىدلىك ياشاڭ

2017-08-04 17:31:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئايبەختەم ئابدۇشۈكۈر

ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن تەن سالامەتلىكمۇ ناچارلىشىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بەزىلەردە ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئاسان چېچىلىدىغان، ئىش خۇشياقمايدىغان پىسخىك ھالەت پەيدا بولىدىكەن. بۇ سالامەتلىك نۇقتىسىدىن سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە. ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئويلىمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
- 60 ياشتىن ھالقىغان بىر قوشنىمىز يېقىندا دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ چىققانىدى، ئۇنى يوقلاپ ئۆيىگە كىرسەم، ئۇ پاراڭ ئارىلىقىدا ماڭا: ئېرىم قازا قىلغاندىن كېيىن، قان بېسىمىم ئۆرلەپ، سالامەتلىكىم تازا ياخشى بولمايۋاتىدۇ. مېنىڭمۇ تۆت كۈنلۈكۈملا قالدى، بەش بالام ئەتراپىمدا پەرۋانە، ئۆيلىرىگە نۆۋەت بىلەن ئەكىتىپ نېمە يېگۈم كەلسە شۇنى ئېتىپ بېرىپ، قىلغىلى قىلىق تاپالمايۋاتسىمۇ، يەنىلا قەدىناس بىلەن تۇتقان ئۆينى سېغىنىدىغان بوپقالدىم، دېدى.
-بالىلىرى بەك ۋاپادار، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا يالغۇزلۇق ھېس قىلىلا؟ - سورىدىم ھەيران بولۇپ.
-شۇنداق، مېنىڭچە ھالال جۈپلەرنىڭ ئۆمرىمۇ تەڭ بولسا ياخشىكەن. بىرى كېتىپ، بىرى قالسا، تۇرمۇش تولىمۇ مەنىسىز ئۆتىدىكەن، كېسەلمۇ بوزەك قىلىدىكەن، قەدىناس بار چاغدا ئىشىمنىڭ كۆپلۈكىدىن پۇت - قولۇم يەرگە تەگمەي قالاتتى، ھازىر قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قالىمەن. غېرىبسىنىپ قالغاندا بالىلىرىمنى چاقىراي دېسەم، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش، دېدى ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ.
-بالىلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا ھەممەيلەن خاتىرجەم، ئۇلار بىلەن سىردىشىپ تۇرسىلا يالغۇزسىراپ قالمايلا، كەيپىياتلىرىمۇ ياخشى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ - دېدىم.
-ئۇغۇ شۇ، بىراق، «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت - قۇلۇمنىڭ بوشلۇقى» دېگەننى ئەۋزەل بىلىپ قالىدىكەن كىشى...
بۇ سۆھبەتتىن مەلۇمكى، بالىلىرى ئانىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ موماينىڭ يەنىلا يالغۇزسىراپ، ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىشى بىر خىل پىسخىك كېسەللىك. تاسادىپىي پۇرسەتتە ياشانغان بىر ئايالنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ قالدىم: ئۇنىڭ ئېرى قازا قىلغىنىغا خېلى يىللار بولۇپتۇ. ئۇ دېھقانچىلىق قىلىپ ئۈچ بالىسىنى قاتارغا قوشۇپتۇ. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ بالىلار بىر - بىرى بىلەن پېتىشماي، بىچارە ئانىنى تەڭقىسلىقتا قويۇپتۇ. ئاخىرىدا ئانىسىنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئۆي ئايرىپتۇ. بالىلىرىنى مىڭبىر جاپادا چوڭ قىلغان ئانا ئاخىرىدا يالغۇز قېلىپ، كىمنىلا كۆرسە يىغلايدىغان، ھەتتا بەزىدە كېسىلى تۇتىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
-ئېرىم تۈگەپ كەتكۈچە، مەن تۈگەپ كەتكەن بولسام، ھەممە غەمدىن قۇتۇلۇپ، بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالمىغان بولاتتىم...، دېدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇنداق ھېكايىلەرنى پات - پات ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق. ئىگىلىشىمچە، ياشانغانلاردىكى بىزار بولۇش، چۈشكۈنلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، يىغىنچاقلىغاندا ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدىكەن: بىرى، تاشقى سەۋەب، بۇنىڭدا ئاساسلىقى پەرزەنتلەرنىڭ كۆيۈمسىزلىكى، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ۋاقتىدا خەۋەر ئېلىپ تۇرالماسلىقى، ھەتتا بەزى بىغەرەزلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىنى خورلىشى. بۇنداق ھالغا يولۇققان ئاتا - ئانىلار ئۆزىنى يۆلەكسىز، بىچارە، غېرىب ھېس قىلىپ، تۇرمۇشتىن ئاسانلا ئۈمىدىنى ئۈزىدىكەن. پىسخىك جەھەتتە ئۆز - ئۆزىگە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئارتۇقچە ئازابلىنىدىكەن. ئائىلە زىددىيىتى، ئىقتىسادىي ئاساس، جۆرىسىدىن ئايرىلىش، ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى قاتارلىقلارمۇ ياشانغانلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرىگە مەنىسىزلىك، ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا ئارزۇ - ئىستەكلىرىدىن ۋاز كېچىدىكەن. يەنە بىرى ئىچكى سەۋەب بولۇپ، كۆپىنچە، تېنى ئاجىز، كېسەلچان ياشانغانلار ئاسانلا تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە خۇشاللىقىنى يوقىتىپ قويىدىكەن، بۇنداق ياشانغانلارنىڭ مىجەزى چۇس، جاھىل، باشقىلارغا ئانچە ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
ياشانغانلاردىكى بۇنداق پىسخىك كېسەللىكنى تۈگىتىش ۋە داۋالاشتا ئالدى بىلەن ياشانغانلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ چۈشىنىشى، ياردىمى، كۆيىنىشى تولىمۇ مۇھىم. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياشانغانلارغا ئازادە، بىخەتەر، خاتىرجەم تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، ئۇلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، دەردىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىشكە كۈچىشى، ئۇلارنى ئاسرىشى، چۈشىنىشى، ئۇلار بىلىپ - بىلمەي كۆڭلىنى چىگىپ قويسىمۇ، توغرا چۈشىنىپ، ئۇلارغا مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن ئىلھام بېرىشى كېرەك. ئاگاھ بولايلىكى، ئالدىراش خىزمەت باھانىسى ئاتا - ئانىمىزنى يوقلايدىغان، كۆيۈنىدىغان، سىردىشىدىغان ۋاقتىمىزنى ئېلىپ قويمىسۇن. بالىلار ياشانغان ئاتا - ئانىلىرى بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ تۇرسا، ئۇلارغا ياخشى ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بەرسە، ياشانغانلار روھىي جەھەتتىن ئىلھاملىنىپ، ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلاردا نەدىمۇ دۇنيادىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى بولسۇن؟!
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەن ئاجىزلايدۇ. مىجەز - خاراكتېرى، تۇرمۇش ئادىتىدە ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە، ياشانغانلار جىمجىتلىقنى خالايدىغان، تېرىككەك بولۇپ، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەنلەپ، تايىنىشچانلىقى كۈچىيىدۇ. بۇ تەبىئىي ئەھۋال. شۇڭا، ياشانغانلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىدىكى بۇنداق ئۆزگىرىشكە توغرا قاراپ، پىسخىك ئاجىزلىقىنى يېڭىپ، تۇرمۇشنى سۆيۈشى، كۆپ تەرەپلەردىن قىزىقىشىنى قوزغاپ، ھايات، تۇرمۇش تەجرىبە، يەكۈنلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياشلار بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ، كۆڭلىدىكى دەرد - ئەلەم ۋە خۇشاللىقلىرىنى باشقىلار بىلەن سىردىشىپ تۇرسا، بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن تەڭ شادلىنىپ، ئامال بار ئۆزىنى خۇشال تۇتسا، مۇھىمى، ئۆزىنى روھىي ساغلاملىق جەھەتتىن كۈتۈشكە ماھىر بولسا، ئاخىرقى ئۆمرىنى خۇشال - خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى