قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئىچكىرىدىكى 11 يىللىق ئوقۇش ھاياتى

2017-08-10 13:05:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مىھرىگۈل تۇرسۇنجان
 

مەن مېھرىگۈل، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىن، ھازىر ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئېغىز بوشلۇقى تېببىي ئىنستىتۇتىدا ئېڭەك-يۈز تاشقى بۆلۈمى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىمەن.
مەن ئىچكىرى ئۆلكىگە ئوقۇشقا كەلگىلى 11 يىل بولدى. 2006-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، تەكلىماكان قوينىدىكى كىچىك ناھىيە بازىرىدىن دېڭىز شەھىرى يەنتەيگە ئوقۇشقا كەلدىم. 2010-يىلى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇۋاتىمەن.
11 يىل جەريانىدا، مەن 16 ياشلىق بىر ساددا ئۆسمۈردىن 27 ياشلىق ياشقا ئۆسۈپ يېتىلدىم. 11 يىل ئىچىدە، مېنىڭ خەنزۇتىلىم ئەڭ دەسلەپكى «ئۆلچەمسىز» دىن ھازىرقى راۋان تىلغا ئايلاندى، مەن ھازىر بىمارلار بىلەن ئازادە پىكىر ئالماشتۇرالايمەن. ئىچكىرىدىكى 11 يىللىق تۇرمۇش مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، ماڭا يەنە قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتى.
11 يىل مابەينىدە، مەن ئۈچ شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە يولۇقتۇم ۋە ئاز بولمىغان دوستلار بىلەن تونۇشتۇم. 11 يىللىق ھېكايىلەر مېنىڭ بىر كىتاب يېزىشىمغا يېتىدۇ، بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىكى مەن ۋە ھەمساۋاق ئاچىلىرىم ئوتتۇرىسىدىكى  ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىمەن. بىزنىڭ ھېكايىمىز ناھايىتى ئاددىي، لېكىن، ماڭا نىسبەتەن ئۇ كۈنلەر ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس كۈنلەردۇر، چۈنكى ئۇلار مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كىشىلەردۇر.
مېنىڭ ھەمساۋاق ئاچام خې خۈيجۈن ئەنخۇيدىن، كىچىك ئاچام شۈ يۈلى شەندۇڭدىن كەلگەن. ئۇلار مېنىڭ ھەمساۋاق ئاچىلىرىم بولۇپلا قالماي، يەنە يېقىن دوستلىرىم. بىز كۈندۈزى بىللە ئوپېراتسىيە قىلساق، كەچتە بىللە ئۆگىنەتتۇق، ھەممىمىز قىممەتلىك ياشلىق باھارىمىزدا كۆپ بىلىم ئىگىلەشنى ئويلايتتۇق.
بىز تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ قىزلىرى، ۋەتەننىڭ داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈن ئېقىۋاتقان بىر سۈزۈك ئېقىن. بىزنىڭ ئۆگىنىش يۆنىلىشىمىز كالپۇك-تاڭلاي يېرىقىنى داۋالاش بولۇپ، خۇددى ئۇستازلىرىمىزغا ئوخشاش، توشقان كالپۇك بالىلارنى ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بىر گۈزەل بالىلىق يارىتىپ بېرىش ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى.
مەن ۋە ھەمساۋاق ئاچىلىرىم ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولغان بىمارلارنى زىيارەت قىلىش، سانلارنى ئىستاتىستىكا قىلىش، ماقالە يېزىش قاتارلىق بىر قانچە ھالقىلار ئارقىلىق دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تېمىسىنى بىرلىكتە تاماملىدۇق. بىز بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر-بىرىمىزگە «بۇ پەقەت بىر باشلىنىش، كەلگۈسىدىكى يول تېخى ئۇزۇن، شۇڭا بىز داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرۇشىمىز لازىم» دەپ، ئۆز-ئارا ئىلھام بېرىشتۇق.
بۇ يىل 6-ئايدا، چوڭ ھەمساۋاق ئاچام ئوقۇش پۈتكۈزدى، بىز بىرلىكتە ئوقۇش پۈتكۈزۈش سۈرىتىگە چۈشتۇق، خوشلىشىش تامىقى يېدۇق. بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىسىمۇ، ھامان «خەير-خوش» دەيمىز. بىللە ئۆتكەن كۈنلەرگە كۆپ تەشەككۇر، بۇ بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك گۈزەل ئەسلىمىمىز. بىز بۇ چوڭ ھەمساۋاق ئاچىمىزنىڭ توي مۇراسىمىدا كۆرۈشۈشكە، ئۇنىڭغا قولداش بولۇشقا كېلىشتۇق.
مەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ماڭا يىراق كىچىك ناھىيەدىن گۈزەل ۋۇخەن شەھرىگە كېلىپ ئوقۇش پۇرسىتى بەرگىنىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مەن بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى، ساۋاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى قەدىرلەپ، دۆلەتنىڭ داۋالاش ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئۆزۈمنىڭ ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلىمەن، مەن ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ھايات سەھىپىسىنى ئېچىپ، ۋەتەننىڭ ياراملىق ئادىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى