قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن

2017-08-15 19:30:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ماينۇر تۇرا

ئەينى يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئاشۇ كۈنلەر كۆز ئالدىمغا كەلسىلا، ئىمتىھاندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ھازىرقى كەيپىياتى كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدۇ، چۈنكى 11 يىل جان پىدالىق بىلەن ئوقۇپ، ئاخىر تۆككەن تەر ۋە تۆلىگەن بەدەلنىڭ شۇنداقلا بىكارغا كەتكەنلىكىنى دېمىگەندىمۇ، «ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالنىڭ روھنى چۈشۈرۈپ، ئىرادىنى سۇندۇرىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان. مەنمۇ ئەينى چاغدا كۈن بويى خامۇش يۈرەتتىم، ئۆيدىن تالاغا چىققۇم كەلمەيتتى، دوستلار تۈگۈل ئۆزۈمنىڭ ئاتا - ئانا ۋە قېرىنداشلىرىمغىمۇ قارىغۇدەك يۈزۈم قالمىغاندەك، ئەمدى ماڭا ماڭىدىغان يول يوقتەك تۇيغۇدا بولۇپ، ئۆزۈمنى - ئۆزۈم قىيناپ يۈرگەنىدىم. بىراق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش ھەقىقەتەن ھەممە ئىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىمۇ؟ ياق، ئىلگىرى شۇنداق بولغان بولسا بۇنى مەن بىلمەيمەن، بىراق ھازىر ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىشقا ئورۇنلىشىش تىپىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۇ دەۋرىمىزدە «دىپلوم ئەمەس، ئىقتىدار مۇھىم» قارىشى ئاللىقاچان كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تاللاش ئۆلچىمى بولۇپ بولدى، بۇ ئەلۋەتتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ياشلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر. چۈنكى ئۇلار كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇپمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يول ئاچالايدۇ، پەقەت كەسىپنى توغرا تاللاپ ياخشى ئۆگەنسىلا، ياشلارنىڭ كەلگۈسى سۈبھىدىكى تاڭ نۇرىدەك سۈزۈك ھەم پارلاق بولىدۇ.شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىش كېرەككى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئوڭۇشسىزلىق ھەركىمنىڭ ئىستىقبالى تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلغانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئادەمگە قىيىنچىلىق ئىچىدىن يول ئىچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنى تاۋلاش پۇرسىتى ئاتا قىلغانلىق. بىراق بۇ بىزدىن چوقۇم تاللاش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆز ئىرادىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئەڭ مۇۋاپىق تاللاشقا ئېرىشىشكە تۈرتكە بولىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە مەلۇم بىر تېخنىكىلىق كەسىپنى تاللاپ، ئۆزى رازى بولغۇدەك خىزمەتكە ئېرىشىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.شۇنداق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى ئادەمدە قەددىنى قايتا رۇسلاش جاسارىتىنىڭ بولماسلىقى. ناۋادا بىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زاتلارنىڭ تەرجىمىھالىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، تەڭدىن تولىسىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان، ئوقۇغان بولسىمۇ تولۇق ئوقۇمىغانلار ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەت ئىگىسىگە ئايلانغانلىقىنى بايقايمىز، ئەلۋەتتە دونيانىڭ سەركە بېيى بىل گايتىس بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى. بەرھەق، مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش بىمەنىلىك، چۈنكى مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى، بىراق بۇ «ئانا» بىزدىن مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىشنى، يەنە شۇنداق خاتالىق سادىر قىلىشقا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى