ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مىننەتدارلىق گۈللىرى قەلبىمىزدە پورەكلىسۇن

2017-08-22 14:20:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دولقۇن تۇرسۇن

مىننەتدارلىق ئادىمىيلىك، مېھىر - ۋاپا، چىن سۆيگۈ ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتلەرگە مۇجەسسەملەنگەن مەنىۋىيەتتىكى مەدەنىيلىك، قەلبلەرنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇرغۇچى مۇھەببەت رىسالىسى، سۆيۈنۈش، خۇشاللىنىش ھەم ئورتاق بەھرىلىنىشلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر مەنىدىن توغرا، ئىلمىي چۈشىنىش ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شۈبھىسىزكى، مىننەتدارلىق شەخسنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش شارائىتى، ھېس قىلىش تۇيغۇسى، چۈشىنىش ئىقتىدارى، بىلىپ يېتىش دەرىجىسى، تەربىيەلىنىشى ۋە ساپاسى بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك باغلىنىشقا ئىگە بولۇپ، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش دەرىجىسىدىمۇ پەرقلەر مەۋجۇت ئەلۋەتتە. مەسىلەن: بەزىلەر كۈچلۈك ۋە ھەقىقىي ھاياجانلىنىش، تەسىرلىنىش، خۇشاللىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلىقتىن كىچىككىنە ياردەملەرگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىمۇ يەنىلا كۈچلۈك ۋە ئۇزاققىچە ھەتتاكى بىر ئۆمۈر داۋاملاشسا، بەزىلەر شۇ مىنۇتتىكى ھاياجانلىنىشتىن كېلىپ چىققان تەسىرلىنىش سەۋەبى بىلەن ئۆزىدە ۋاقىتلىق مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يېتىلسىمۇ، تېزلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بىز مەيلى قايسى تەرەپتىن ئويلىمايلى، قايسى تەرەپلەردىن كۆزەتمەيلى، مىننەتدار بولغان، مىننەتدار بولۇشنى بىلگەن ھەم مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان كىشىلەرلا مىننەتدارلىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئينەزەر ئۇلار بىزنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ياخشى كىشىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
بىز ئۇلاردىكى بۇ خىل ئېسىل روھنى قەدىرلىشىمىز، ئۆگىنىشىمىز ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىشىمىز ھەم ئۇلاردىنمۇ مىننەتدار بولۇشىمىز، ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە تۇيغۇسى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، تولۇقلاپ، كېڭەيتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداقلا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ ئېسىل روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا جەمئىيەتتە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى كەمچىل ياكى يېتىلمىگەن كىشىلەرنىمۇ تەڭ يېتەكلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
لېكىن جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە راستىنلا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يېتىلمىگەن ياكى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، بۇنى چوڭقۇر ئانالىز قىلساق بۇ خىل ئەھۋال تەبىئىيكى ئۇلاردىكى ھېس قىلىش، تونۇپ يېتىش، تەسىرلىنىش تۇيغۇسى كەمچىل بولۇشتەك پىسخىكىلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . بىز ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئەتراپىمىزدىكى تىرىك ئىجابىي ئوبرازلار، تەسىرلىك ئىش - ھەرىكەتلەر، چوڭقۇر دوستلۇق، مېھرىبانلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى ھېكايىلەشتۈرۈپ ئېيتىپ بېرىش، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن، باشقىلارنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئېرىشكەن كىچىككىنە ئىش - ھەرىكەتلەرنى ئەسلىمە خاراكتېرلىك يادىغا ئالغۇزۇپ «مۇبادا شۇ ياردەم بولمىغان بولسا» دېگەن مەركىزىي نۇقتىنى چۆرىدەپ پىكىر قىلىشقا، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە، تەسىراتىنى سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش، باشقىلارغا ئاددىي، كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ ياخشىلىق قىلىشنى، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ياردەم قىلىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېلىدىغان قوش خۇشاللىق يەنى باشقىلارنى خۇشال قىلىش بىلەن باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ھېس قىلىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئاستا - ئاستا تۈگىتىشىمىز كېرەك.
خەلقىمىز ئەزەلدىن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ ھەم باشقىلارنىڭ كىچىككىنە ياردەملىرىگە ئېرىشسىمۇ مەمنۇن بولۇپ چىن دىلىدىن سۆيۈنۈشنى؛ باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرگەندىمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى بىر خىل بەخت ھېسابلاپ كەلگەن. شۇڭا بىز بۇ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغرا بولغان مىننەتدار بولۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەدىن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىدىن، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن ھەقىقىي مىننەتدارلىق ھېس قىلىشىمىز ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىمىز لازىم. شۇنىڭدەك مىننەتدارلىقنى ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىپ، كىچىك، ئاددىي ئىشلاردىن، ھەربىر قەدەملىرىمىزدىن باشلاپ، باشقىلارنى مىننەتدار قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ ئۇشبۇ ھاياتىمىز ئۈچۈن بەخت ئاتا قىلغۇچىلارنى مەڭگۈ سۆيۈپ ۋە قەدىرلەپ، چىن ئىنسانىي تۇيغۇمىز، ۋىجدانىمىز بىلەن مىننەتدارلىق گۈللىرىنى تەكشى پورەكلىتىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە تەقدىم قىلايلى.
 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى