قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىقتىدار بولسۇن،مەسئۇلىيەتمۇ بولسۇن

2017-08-23 18:14:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
مەھبۇبە مۇنىرىدىن
ھەر كىمنىڭ بەلگىلىك ئىقتىدارى بولىدۇ،ئەمما ئىقتىدارلىقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا مەسئۇلىيەتچان بولۇشى ناتايىن. ئىقتىدار بىلەن مەسئۇلىيەت باشقا-باشقا ئۇقۇم بولسىمۇ ،ئۇلارنى پەلسەپىۋى نۇقتىدىن كۈزەتكەندە، بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان .كىشىدە ئىقتىدار بولۇپ مەسئۇلىيەت بولمىسا،جەمئىيەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.ئەگەر مەسئۇلىيەت بولۇپ ئىقتىدار بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.مەسئۇلىيەتنى ئاپتوموبىلنىڭ رولى دېسەك، ئىقتىدارنى ئۇنىڭ ئات كۈچىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.رولى يوق ئاپتوموبىلنىڭ ئات كۈچى قانچە زور بولغان بىلەن ئۇ ھامان ھادىسە توغدۇرىدۇ. رولى بولۇپ،ئات كۈچى بولمىسا،ئۇنىڭ كالا ھارۋىسىدىن پەرقى بولمايدۇ. شۇنداق ئىكەن،ئادەمدە ئىقتىدارنىڭمۇ، مەسئۇلىيەتنىڭمۇ بولىشى تولىمۇ مۇھىم.
ئادەتتە،نەتىجە قازىنالمىغانلار مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ،تەشكىلى تۈزۈملەرگە يۈكلەپ،ئۆزى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.مەلۇم بىر مەشھۇر كارخانىچى:«مەلۇم خىزمەت ئورنى،كەسىپ ياكى ۋەزىپە،ھەتتا ئائىلە ئىشلىرىدىمۇ مەسئۇلىيەت بولىدۇ. ئادەمدە ھەر قانچە ئىقتىدار بولۇپ مەسئۇلىيەت بولمىسا ،ئۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمايدۇ» دېگەنىكەن.بۇنىڭدىن ھەر كىمنىڭ ئىقتىدارى تاكاممۇللاشقانسېرى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ،مەسئۇلىيەت كۈچەيگەنچە ئىقتىدارنى يېڭىلاشقا ،مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقى ئايان.
 مەلۇم زاۋۇتتا تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان بىر ئىشچى بولۇپ،ۋەزىپىسى سائەت ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا سائەتنىڭ بىر زاپچاسىنى قوراشتۇرۇشلا ئىكەن. ئۇ 10 يىل شۇ ئىشنىلا قىپتۇ، ئىشلىگەندىمۇ ھېچقانداق چاتاق چىقارماپتۇ. ئۇ ھەر يىلى مۇنەۋۋەرلىكنى ھېچكىمگە بەرمەپتۇ. كېيىن زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈنلەي كومپىيۇتېر ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ ،ھېلىقى ئىشچى خىزمىتىدىن ئايرىلىپتۇ. بۇنىڭغا ئۇنىڭ زامان تەلەپلىرى بويىچە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە تىرىشمىغانلىقى سەۋەپ بولغان. ئۇ مەسئۇلىيەتچان بولغان بىلەن ،ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئىشسىز قالغان.
دېمەك،ھازىرقى دەۋرىمىزدە كىشىدە ھەر قانداق ئىشقا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت بولۇپ ئىقتىدار بولمىسا، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، ئىقتىدار بولۇپ مەسئۇلىيەت يېتەرلىك بولمىسا، ئاسانلا چاتاق چىقىدىغان گەپ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەت ئېغىرلاشقاندا شۇنىڭغا ماس ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئىقتىدارىمىز ئاشقاندا مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.
 
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى