قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش

2017-08-24 18:46:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ـــ مەن ھەقىقەتەن بەك بەختلىك، مەن بىر ئۆمۈر پەرزەنتلىك بولالمىغانىدىم، ئارزۇگۈل يۇنۇس ئۆز قىزىم،- بۇ 74 ياشقا كىرگەن ئىگە-چاقىسىز ياشانغان ئايال جۇ جىشيەننىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى.
جۇ جىشيەن چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشۇ رايونىدىن بولۇپ، 1960-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇ «قىزىل يۇلتۇز» پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنغان ۋە 1961-يىلى بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچى ياڭ يۈن بىلەن توي قىلغانىدى. لېكىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئىزچىل بالىلىق بولالمىدى. ياڭ يۈن كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن جۇ جىشيەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىدى.
ئارزۇگۈل يۇنۇس بىلەن جۇ جىشيەننىڭ ھېكايىسىنى 2009-يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئونسۇ ناھىيەسىدە قاتتىق قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلىتسىيە  گىرادوسقا چۈشۈپ قالىدۇ، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى كادىرى ئارزۇگۈل يۇنۇس جۇ جىشيەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوقلۇقىنى ئېسىگە ئېلىپ: «ھاۋا بەك سوغۇق، جۇ جىشيەننىڭ ئۆيىمۇ تازا ئىسسىمايدۇ، ئۇ ئاغرىپ قالمىسۇن يەنە...» دېگەنلەرنى ئويلايدۇ.
ئەتىسى تاڭ ئەمدىلا يورىغاندا ئارزۇگۈل يۇنۇس ناشتىمۇ قىلمايلا جۇ جىشيەننىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. ئۇ جۇ موماينىڭ توڭلاپ ئاغرىقچان ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئارزۇگۈل يۇنۇس ئۆيىدە جۇ جىشيەننى خۇددىي ئۆز ئانىسىغا ئوخشاش كۈتۈپ، يۇيۇندۇرۇپ، ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ، ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ، يەنە ئۇنىڭغا بىر ئېغىز ئۆيىنى تەييارلاپ بېرىدۇ. جۇ جىشيەن ئارزۇگۈل يۇنۇسنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۆيىگە قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئارزۇگۈل ئۇنىڭغا: «سىز قايتىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ، كەتسىڭىز سىزگە سوغۇق تېگىپ قالىدۇ، مەن خاتىرجەم بولالمايمەن، مۇشۇ يەردە تۇرۇۋېرىڭ» دەيدۇ.
جۇ جىشيەننىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئارزۇگۈل جۇ جىشيەنگە ۋاكالىتەن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يېڭى ئۆيگە پول ياتقۇزۇپ، سۇ ئىسسىتقۇچ سەپلەپ، كىرىسلو، قازان-قۇمۇچ قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ. ئۇ يەنە جۇ جىشيەن بىلەن ئالاقىلىشىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر يانفون ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ.
ئارزۇگۈل يۇنۇس جۇ جىشيەندىن باشقا يەنە بىر مومايغىمۇ چوڭقۇر مېھرىنى يەتكۈزگەنىدى. ئارزۇگۈل يۇنۇس ياردەم قىلىۋاتقان يەنە بىر موماينىڭ ئىسمى دۈەن گۈيشيۇ بولۇپ، 80 ياشتىن ئاشقانىدى. ئۇمۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولاتتى، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. ئارزۇگۈل يۇنۇس تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىپ، ئىشتىن چۈشكەندە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بەردى، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بەردى. بىر قېتىم دۈەن موماي ئېھتىياتسىزلىقتىن  يىقىلىپ يارىلىنىپ قالغاندا، ئارزۇگۈل يۇنۇس ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى.
2007-يىلى قىش بەك سوغۇق بولدى. ئارزۇگۈل يۇنۇس دۇەن گۈيشيۇنىڭ قىشتىن ئامان چىقىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. دۇەن گۈيشيۇ دەسلەپتە ساناتورىيەگە كۆنەلمىدى، ئارزۇگۈل يۇنۇس ساناتورىيەگە بېرىپ ئۇنىڭغا بىر ھەپتە ھەمراھ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارزۇگۈل يۇنۇس دائىم ساناتورىيەگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى، ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە يەنە دۇەن گۈيشيۇنى ئۆيىگە ئەكىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزدى.
دۇەن گۈيشيۇ 2008-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى، ئارزۇگۈل يۇنۇس بۇنىڭدىن بەك ئازابلاندى، موماينىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى خۇددىي ئۇنىڭ ئۆز قىزىدەك ياخشى بىر تەرەپ قىلدى.
«باشقىلارغا گۈل بەرسەڭ، قولۇڭدا پۇرىقى قالىدۇ». ئارزۇگۈل يۇنۇس مەھەللە كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان 11 يىلدىن بۇيان ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقىدەك بىلىپ، ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەممە جايدا پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى