ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 10 مىڭ چاقىرىم يول بېسىلغان ئائىلە زىيارىتى

2017-08-24 18:47:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 خاربىن شەھىرى بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 5000 كىلومېتىر كېلىدۇ، خاربىن شەھەرلىك 73- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇ جىنرۈي شىنجاڭغا ئائىلە زىيارىتىگە كېلىش ئۈچۈن، ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىن غەربىي شىمالىغا كەلدى.
 
  خۇ جىنرۈي 8- ئاينىڭ 11- كۈنى سەھەردىلا خاربىندىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ 3 سائەتكە يېقىن ئۇچقاندىن كېيىن، جىنەنگە كەلدى، ئاندىن جىنەندىن يەنە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، 5 سائەت ئۇچۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
 
  لېكىن، 8- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچىدە ياغقان يامغۇر خۇ جىنرۈينىڭ ئائىلە زىيارىتىنى «ئاقسىتىپ» قويدى، ئۇ ئولتۇرماقچى بولغان ئايروپىلان 5 سائەت كېچىكتى. تېخىمۇ يامان بولغىنى شۇكى، ئايروپىلان غۇلجىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، قونالماي يەنە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى، ئايروپىلان قايتىدىن ئۇچقاندا، سائەت 19 بولغانىدى.
 
  مۇشۇنداق ئەگرى- توقايلىقلار بىلەن، خۇ جىنرۈي ئولتۇرغان ئايروپىلان غۇلجىغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى. خۇ جىنرۈي ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدىن ئەمدىلا چىقىشىغا، ئۆزىگە تونۇش بىر سىما ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ: مۇئەللىم، ئاخىر كەلدىڭىز، دېدى. ئۇلار خۇددى ئۇزاق يىللاردىن بېرى كۆرۈشمىگەن تۇغقانلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
 
  خاربىن شەھەرلىك 73- ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭ بۆلۈمى تەييارلىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نەسىمە غاپپار خۇ جىنرۈينىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىغا چىققانىدى. خۇ جىنرۈي ئىنتايىن ھەيران بولدى ھەم تەسىرلەندى. ئۇ نەسىمە غاپپارنىڭ 1 كۈن كەچكىچە ئايرودۇرۇمدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭدىكى سەپەر ھارغىنلىقى بىردىنلا يوقالغانىدى.
 
  خۇ جىنرۈي نەسىمە غاپپار ۋە ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى بورچى كەنتىگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇردى.
 
  ئۇلار نەسىمە غاپپارنىڭ ئۆيىگە 8- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ سائەت 9دىن ئاشقاندا كەلگەن بولسىمۇ، نەسىمە غاپپارنىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئىشىك ئالدىدا ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانىدى. نەسىمە غاپپارنىڭ ئانىسى مېھمانگۈل نۇرمەمەت دائىم قىزىنىڭ يان تېلېفونىدىن سۈرىتىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان خۇ جىنرۈي مۇئەللىمنى بىر قاراپلا تونۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ يۈز يېقىپ كۆرۈشتى.
 
  نەسىمە غاپپارنىڭ دادىسى غاپپار ساتتار مېھماننى ئۆيگە تەكلىپ قىلغاچ: بىر كۈن يول يۈرۈپ، ھېرىپ كەتكەنسىز، قېنى ئۆيگە كىرەيلى، دېدى.
 
  خۇ جىنرۈي كاڭدا ئولتۇرۇپ، قىزىق چاي ئىچكەچ، ئوخشىغان لەڭمەننى يېدى ۋە مېۋە- چىۋىلەرگە ئېغىز تەگكۈزدى.
 
  − مەن بۇ يەرگە ئائىلە زىيارىتىگە كەلگەنىدىم، بىراق ئۆزۈمنى ئەزىز مېھمانلاردەك ھېس قىلىۋاتىمەنغۇ، − دېدى خۇ جىنرۈي نەسىمە غاپپارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مېھماندوستلۇقىدىن ئازراق ئەيمىنىپ.
 
  كەچلىك تاماقتىن كېيىن، خۇ جىنرۈي نەسىمە غاپپارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاچ، نەسىمە غاپپارنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى.
 
  − مۇشۇنداق ئەلاچى بالىنى بىزنىڭ مەكتەپكە ئەۋەتكىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت، نەسىمە غاپپار ئوچۇق- يورۇق، چېچەن قىز، ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل، مەكتەپتە ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ، نەتىجىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى، مەن بۇ قېتىم ئۇ تۇرىدىغان مۇھىتنى كۆرۈپ بېقىش ھەم ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ قانداق ئوي- پىكىرلىرى باركىن دەپ كەلدىم، مۇشۇنداق بولغاندا مەكتەپمۇ بۇ بالىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەپ چىقالايدۇ، − دېدى خۇ جىنرۈي نەسىمە غاپپارغا بۇ سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشكە ئىشارە قىلغاچ.
 
  ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ، نەسىمە غاپپار ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى، بىراق يەنە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاتا- ئانىسى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى. نەسىمە غاپپارنىڭ ئاتا- ئانىسى قىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا تەشۋىقات ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇپ كېتىشتى.
 
  نەسىمە غاپپار خاربىندا ئوقۇغان بىر يىلدىن بۇيان، سىنىپ مۇدىرى خۇ جىنرۈي خۇددى ئۇنىڭغا ئاچىسىدەك كۆڭۈل بولدى، ياردەمدە بولدى. ئۇ ئاغرىپ قېلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج بولغاندا، خۇ جىنرۈي دائىم ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا دورا، قايناق سۇ ئەكىلىپ بەردى... شۇغىنىسى بۇلارنى پەقەت نەسىمە غاپپارلا بىلەتتى.
 
  − پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، بالىلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيتتى، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا كۆڭۈل بولدى، سىلەرگە كۆپ رەھمەت، سىلەر بىزنىڭ شەرقىي شىمالدىكى تۇغقانلىرىمىز، − دېدى مېھمانگۈل نۇرمەمەت خۇ جىنرۈينىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ.
 
  خۇ جىنرۈي ئائىلە زىيارىتىدىن نەسىمە غاپپار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئانچە باياشات ئەمەسلىكىنى بىلدى، دادىسى ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتىكەن، بىراق ھازىر ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيىدە دەم ئېلىۋېتىپتۇ. نەسىمە غاپپارنىڭ ئاچىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپتۇ، ئىنىسى كېلەر يىلى شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. خۇ جىنرۈي كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۈمىدۋار ئائىلىدىن بەكمۇ تەسىرلەندى.
 
  خۇ جىنرۈي مۇخبىرغا: نەسىمە غاپپارنىڭ دادىسى دېھقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىيىنچىلىقى بولسىمۇ، بالىلىرىنى تەربىيەلەشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماپتۇ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئالدىنقى ئىككى قېتىم شىنجاڭغا ئوقۇغۇچىلارنى ئالغىلى كەلگىنىمدە، شىنجاڭنىڭ زېمىنىنىڭ كەڭ، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدىم، دېدى. ئۇ بۇ قېتىمقى ئائىلە زىيارىتىدىن خېلى كۆپ نەتىجىگە ئېرىشتى ھەم شىنجاڭغا نىسبەتەن يېڭىچە تونۇشقا ئىگە بولدى.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى