قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەخت بۇلىقىغا چۆمۈلەي دېسىڭىز

2017-08-24 19:00:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
قۇربىتىڭىز يەتمەيدىغان ئىشنى قىلماڭ:
قولىڭىزدىن ھەممە ئىشنىڭ كېلىشى ناتايىن. بەزى ئىشلار  قۇربىتىڭىزنىڭ يەتمەسلىكى سەۋەبىدىن سىزگە ئويلىمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاتا قىلىشى مۈمكىن، شۇڭا قۇربىتىڭىز يەتمەيدىغان ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئالدىراپ قارار چىقارماڭ.
باشقىلار بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرماڭ: خوشاللىق ۋە رازىمەنلىكىڭىز ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا سىز بەختنىڭ تەمىنى ھەقىقىي تېتىيالمىغان بولىسىز. مەيلى باشقىلار نېمە دېسۇن ياكى قانداق نەزەردە قارىسۇن، يەنىلا ئاقىلانىلك بىلەن ئۆز مەيدانىڭىزدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە خاس قىممەت قارىشىڭىزنى يوقاتماڭ.
ئۆزىڭىزگە مەدەت بېرىشنى ئۇنۇتماڭ:
خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ھەقىقەتەن مۇھىم، بىراق بۇ جەرياندا  ئۆزىڭىزگە ئۈزلۈكسىز مەدەت بېرىپ تۇرۇش ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم. باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقىنىڭىزدا بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزگە «سەيلە قىلىش» ھوقۇقى بېرىڭ، ئۆزىڭىزنى بىر بوتۇلكا مېۋە شەربىتى ياكى ئامراق يېمەكلىكىڭىز بىلەن مۇكاپاتلاپ، خىزمەتنى داۋاملىق سەگەك ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈڭ.
ئالدىراپ باشقىلارغا باھا بەرمەڭ:
 باشقىلارنى باھالاش ۋە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش خۇددى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىككە ئوخشايدۇ، ئۇنى ئاۋۋال يېيىش تەمەسىدە بولىسىز، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە پۇشايمان قىلىپ ئاچچىق ھەسرەت يۈتىسىز، شۇڭا باشقىلارغا نامۇۋاپق باھا بېرىشتىن ساقلىنىڭ.
سەمىمىي بولۇڭ:
ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشتىنمۇ بەكرەك سەمىمىيلىك يوق، ماھىيەتتە باشقىلارغا سەمىمىي بولۇش ئۆزىگە سەمىمىي بولغانغا باراۋەر. ئەگەر سىزگە سىز قىلالمايدىغان ۋەزىپە  يۈكلەنگەن بولسا، ئۇنداقتا سىزگە نىسبەتەن توغرا مەيدانىڭىزدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىڭىزنى ئىپادىلەشتە دادىل بولۇڭ.
باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا خالىس بولۇڭ:
باشقىلارغا ياردەم بېرىش ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ تەشەككۈرىگە ئېرىشىشنىڭ توغرا يولى بولغاندىن باشقا، ئۆزگىنى ھەم ئۆزىنىمۇ خوش قىلغىلى بولىدىغان ئەڭ ئاقىلانە تاللاش. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، باشقىلارغا خالىس ياردەم بېرىش يولى بىلەن بەدەندىكى بەزى ئاكتىپ ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، بېسىمنى يەڭگىللىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدىكەن.
پاسسىپ ئېنېرگىيەدىن يىراق تۇرۇڭ:
 ياخشى كەيپىياتنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، پاسسىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدىغان ھەرقانداق ئادەم ۋە ئىشتىن يىراق تۇرۇش ئاقىلانىلىك. ھەمىشە باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ياكى رازى بولماسلىق ھېسسىياتىدا ياشايدىغان ئادەم مىجەزىدىكى چۇسلۇقنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەستىن ھەرقاچان باشقىلاردىن ئىزدەيدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئويدا بولۇشىنى، ھەممىلا جەھەتتە ئۆزىگە ئوخشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۆزىڭىزنى چوڭ چاغلىماڭ:
بەزىدە ئۆزىنى بەك چوڭ چاغلىۋېلىشمۇ كىشىنى مەغلۇبىيەت گىردابىغا ئىتتىرىپ قويىدۇ. تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدە يېتەرسىزلىكىڭىزنىڭ ئاشكارىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماڭ، ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ھەممە ئىشقا ماھىر، قابىل قىلىپ كۆرسەتمەڭ، ئارتۇقچىلىقىمۇ، يېتەرسىزلىكىمۇ بار نورماللىقنى ساقلاش كەيپىياتىڭىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.
مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ:
مىننەتدارلىق مەلۇم ئادەم ياكى ئىشقا قارىتىلمايدۇ، تۇرمۇشنىڭ قاتمۇ-قات دوقاللىرىدىكى جاپا-مۇشەققەتنى «تاۋلىنىش» دەپ چۈشىنىش ۋە شۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكتىن قانائەت ھاسىل قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل  مىننەتدارلىق. كۈندە تەبىئەتكە نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتقان قۇياشقا، مۇھىتىڭىزغا گۈزەللىك بېغىشلاۋاتقان ھەر بىر گۈل-گىياھ، ھايۋانات، ئادەم ۋە ئىش-ۋەقەلەرگە مننەتدارلىق نەزىرىڭىزدە قاراشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ.
كەلگۈسىڭىزگە ئىشىنىڭ:
ھاياتلىق ئىجابىيلىق ئۇرغۇپ تۇرغان ئارزۇ-ئىستەكلەر بىلەن گۈزەل. ئادەم ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئىزدىنىپ، خىلمۇ خىل مۇشەققەتلەرنى يەڭگەندە مۇۋەپىقىيەت مېۋىسىگە ئېغىز تېگەلەيدۇ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ؛ بۇ قاراشقا ئىشىنىش ئاقىلنىڭ ئىشى، چۈنكى بۇ خىل ئىشەنچ ئەتىنى كىشىگە ئەڭ گۈزەل ھالەتكە تەسەۋۋۇر قىلىدۇرىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى