قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سەمىمىيلىك ئېلىپ كەلگەن دوستلۇق

2017-08-25 13:27:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسى كېچىك كەنتىدىكى ئابلىكىم جاپپار «56 مىللەت 56 گۈل، 56 مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ناخشىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇ سەمىمىيلىك، ئىناقلىق ۋە دوستلۇقنىڭ مۇھىملىقىنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن، ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ كېلىۋاتقان، ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان يېقىن بىر تۇغقىنى بار.
ئابلىكىم جاپپارنىڭ بۇ يېقىن تۇغقىنى شىنجاڭ «شىنخۇاشىڭ» تاش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خوجايىنى يې شياۋخۇا بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئابلىكىم جاپپار تاش ماتېرىياللىرى زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقاندا باشلانغان. كېچىك كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئابلىكىم جاپپار مەھەللىدىكىلەرنى تاش ماتېرىياللىرى زاۋۇتىدا ئىشلەشكە يېتەكلەۋاتقان باشلامچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭ «شىنخۇاشىڭ» تاش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى ئۇ ئەڭ كۆپ ھەمكارلاشقان كارخانا ئىدى. ئابلىكىم جاپپار مەھەللىدىكىلەر بىلەن «شىنخۇاشىڭ» تاش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشلىگەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، چىدامچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا، رايون ئىچى- سىرتىدا بازار تاپتى، شىركەتنىڭ يىللىق كىرىمى 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئابلىكىم جاپپار بىلەن يې شياۋخۇانىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بىر- بىرىگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتى. ئابلىكىم جاپپار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كارخانىنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىشى يې شياۋخۇانى، يې شياۋخۇانىڭ دوستانە مۇئامىلىسى ئىشچىلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.
چوڭ ئىشلار كىچىك ئىشلارنىڭ بېرىكىشىدىن روياپقا چىقىدۇ. ئابلىكىم جاپپار بىلەن يې شياۋخۇانىڭ سەمىمىي ھەمكارلىقى كارخانىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، ئابلىكىم جاپپار باشچىلىقىدىكى ئىشچىلار كارخانىغا باشتىن- ئاخىر سادىق بولۇپ ئىشلىدى، يې شياۋخۇامۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ھەر يىلى ھېيت- بايراملاردا سوۋغا سالاملارنى ئېلىپ ئابلىكىم جاپپارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ھېيتلىغاچ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشتى، كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە پىكىرلەشتى، ئۇنىڭ بىلەن باشقا ئىشچىلارنىڭ ئۆيىنى پەتىلىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇرلاشتى. ھازىر ئىتتىپاقلىق ھەققىدە گەپ بولسىلا شىركەتتىكىلەر ھەم مەھەللىدىكىلەر ئابلىكىم جاپپار بىلەن يې شياۋخۇانى باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختايدىغان بولدى.
ئابلىكىم جاپپار شىركەتتىكى ئىشچىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپلا قالماي، ياشلارنى ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى. دائىم دېگۈدەك قىيىنچىلىقى بارلار، مېيىپلەردىن ھال سورىدى. ئۇنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قىيىنچىلىقى بارلار، مېيىپلەرگە ئىئانە قىلغان پۇلى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل «1- ئىيۇن» بالىلار بايرىمىدا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە 6500 يۈەنلىك ئوقۇش قوراللىرى ۋە سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى ياردەم قىلدى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى