قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پەرزەنتىڭىزنىڭ قەلبىگە قۇرۇق كوتۇلداپ كىرەلمەيسىز

2017-08-25 17:40:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
گۈلقىز روزى
پەرزەنت تەربىيىسىدە ھەممىمىز دېگۈدەك بىر ئۈگەنگۈچى، چۈنكى ھەممىمىز بۇ دۇنيا بىلەن ئاتا- ئانا بولۇپ ئەمەس، بەلكى پەرزەنت بولۇپ يۈز كۆرۈشكەن. بەزىلىرىمىز بەلكىم شەرت ھازىرلانماي تۇرۇپلا ئاتا-ئانا بولۇپ، بالىلىرىمىزنى ئۆزىمىز چوڭ بولغان پەدىسىگە ياكى باشقىلارنىڭكىنى دوراپ دېگەندەك تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان بولۇشىمىز مۈمكىن.
پەرزەنت تەربىيەسى توغرىسىدا گەپ بولۇنسا ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىر پەرزەنتنىڭ  تەربىيىلىنىشىدە گارمونىك بىرلىشىشى تەكىتلىنىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەربىيلەش جەريانى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. دېمەك، بىر بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ماكاننىڭ تۇتىدىغان ئورنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىناقلىقى شۇ پەرزەنتنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي، روھىي جەھەتتە مۇكەممەللىشىشدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
سۈبھىنۇر بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەردى، ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ پەيتتە، ئۇنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى ئۆزى ئۆسۈپ چوڭ بولغان بۇ ئائىلىدىن ئايرىلىپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى. ئۆيىدىن ئايرىلىش ئىستىكى ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن سۈبھىنۇر بۇ ئارزۇدىن ۋاز كېچىپ، قايتىدىن تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇردى. ئەمدىكى قەدەمدە ئۇنىڭغا راست ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى، ئەمما ئۇ  ئوقۇشنى خالىمايدىغان كەسپكە قوبۇل قىلىنغان ئىدى، نۆۋەتتە سۈبھىنۇر يەنە تاللاش ئىچىدە تۇرماقتا.
 سۈبھىنۇر نېمىشقا ئۆيىدىن ئايرىلماقچى؟ بۇنى سۆزلەش ئۈچۈن سۈبھىنۇرنىڭ ئائىلىسىنى كۈزىتىشىمىزگە  توغرا كېلىدۇ.
سۈبھىنۇر ئۆيىدە بىرلا قىز، ئۇنى ئاپىسىنىڭ:
-قىزىم سىزنى دەپلا مۇشۇ ئۆينى تۇتۇپ كەتتىم، سىزنى دېمىگەن بولسام دادىڭىزدەك ئادەم بىلەن بۇنچە  ئۇزاق ئۆي تۇتمىغان بولاتتىم،- دېگەن ئاغرىنىش سۆزلىرىنىلا ئاڭلاپ چوڭ بولغان دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن  بولمايمىز. ئۇ ئاپىسىنىڭ توختىماي ئۇھسىنىشلىرىنى ياقتۇرمىسىمۇ، ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ، شۇنچە ئاھ  ئۇرىدىغان ئاپىسى يا دادىسىدىن ئاجرىشىپلا كەتمىگەن. چۈنكى سۈبھىنۇرنىڭ ئاپىسى ئېرىدىن ئاجرىشىپ  كەتسە، قانداق كۈنگە قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشتىن قورققان، ئەمما قىزىغا دادىسى ۋە ئۆزى تۇتۇۋاتقان بۇ ئۆي توغرۇلۇق ئاغرىنىشتىن توختاپ باقمىغان، ئۆيىنى داۋاملىق تۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا قىزىغا قۇرۇق تاپا -تەنە قىلماي ئۆتمىگەن، شۇ سەۋەپتىن قىزى سۈبھىنۇردا بۇ ئائىلىدىن، ئاپىسىنىڭ كۇتۇلداشلىرىدىن زېرىكىش ھېسسىياتى بارغانسېرى كۈچەيگەن، مەكتەپ ئۆيىدىن ئىللىق تۇيۇلىدىغان بولغان. چۈنكى مەكتەپتە ئۇ يېقىن دوستى سەلىمە بىلەن ئۆز كۆڭلىدىكىنى مۇڭدىشالايتتى. بارا-بارا سۈبھىنۇر سەلىمەنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى، شۇنداقلا  سەلىمەنىڭ ئاپىسى پىشۇرغان تورتنى يېيىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالدى. سۈبھىنۇر بەزىدە«ئۇلارنىڭ بالىسى بولۇپ قالسامچۇ» دەپمۇ ئويلاپ قالاتتى. چۈنكى سەلىمەنىڭ ئۆيىدە سۈبھىنۇر ئارزۇ قىلغاندىكىدەك ئىللىقلىق  بار ئىدى. سەلىمەنىڭ ئاپىسى بالىلىرىغا شۇنچىلىك كۆيۈنەتتى. سەلىمەنىڭ دادىسىمۇ سۈبھىنۇرنىڭ دادىسىدەك «ئۆيدە ھەيۋىسى بار، ئەمما ئۆزىنى تاپقىلى بولمايدىغان ئادەم» بولماستىن، بالىلىرىغا كۆيىنىدىغان، ھەتتا  ئۇلاردىن ئېشىپ سەلىمەنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئۆز بالىسىدەك كۆرىدىغان كىشى ئىدى. ئاپىسىمۇ سەلىمە بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان بولۇپ ئىككەيلەننىڭ پارىڭى تۈگىمەيتتى. بۇ چاغدا سۈبھىنۇر ئۆزىنىڭ ئاپىسى بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقىتلىرىنى ئويلايتتى. ئۇلارنىڭ پارىڭىدا ئاساسەن دىگۈدەك قاقشاشتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. شۇلارنى ئويلىغىنىدا سۈبھىنۇر ئائىلسىدىن قاقشايدىغان ئاپىسى ۋە ئۆيىدىمۇ  تۇرمايدىغان دادىسى بار بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراقلارغا كېتىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۆزى قىزىقمايدىغان كەسپتىن چاقىرىق كەلگىنى ئۇنى ئەپسۇسلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئائىلىدىن ئايرىلىش ئىستىكى ئۇنىڭدىن بىردەممۇ بېرى كەتمىدى.
 تۇرمۇشىدىن قاقشاپ، بىزار بولۇپلا ئۆتۈۋاتقان يالغۇز سۈبھىنۇرنىڭ ئاپىسىلا ئەمەس بولۇشى مۈمكىن. يەنە شۇنداقلا سەلىمەنىڭ ئاپىسىدەك بالىلىرىغا ۋە ئېرىگە مېھىر بېرىپ، ئائىلىدە تەڭ كۈچ چىقرىپ ئۆتۈۋاتقان  ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس.
  بۇ ئىككى ئائىلىدىكى ئىككى ئانا ۋە ئىككى دادا تەبىئىيلا سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى. ئانا بولغان ئادەم ئاجرىشىشنى لايىق كۆرمىگەن ئەھۋالدا، بەختسىزلىكنى بالىسىغا دۆڭگەپ ئايىغى چىقماس كۈتۇلداشلىرىنى داۋام قىلغاندىن كۆرە، ئۆيىدە بىر خىل تاماقنى ئارتۇق ئەتسە، ياكى سەلىمەنىڭ ئاپىسىدەك مېھرى بىلەن تورت پىشۇرۇپ بەرسە، ئۆيىنى تازىلىسا، دادا بولغان ئادەم توي قىلغاننى ئۆزىنى چۈشەپ قويغانلىق دەپ  چۈشەنمەي، ئائىلىسىگە ۋە بالىلىرىغا مېھىر بېرىپ، پەرزەنتى بىلەن كۆپرەك بىللە بولسا، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بالىرىغا ئۇستاز بولسا، ئائىلە ئىللىققا تولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قايتقۇسى كېلىدىغان جايغا ئايلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەنە شۇ پەيتتە، مەيلى باشقا جايدا ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىگە تەۋە بىر ئىللىق ماكانغا ھامان  قايتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇيدۇ. سېغىنىش ئىستىكىدە قىينالمايدۇ.
ئابدۇسەمەت ئىسىملىك بىرەيلەن مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاتا ئانام بىلەن بىر مىنۇتتىن ئارتۇق پاراڭلىشالمايمەن. مېنىڭ ئارزۇيۇم، ئويلىرىم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە  شۇنچىلىك كۈلكىلىك، ھەتتا مەسخىرە ئوبېيكتى. شۇڭا ئۇلارغا ئاز گەپ قىلىمەن ياكى قىلمايمەن. گەپ قىلماي  يۈرسەم، بۇ «ناھايىتى يۇۋاش بالا بولدى، بۇقىدەكلا يۈرگەن» دەيدۇ. ئۆيدە نېمىلا قىلسام ئۇلارنىڭ كۆزىگە  سىغمايمەن. شۇڭا كۆپرەك سىرتلاردا يۈرىيمەن.
ئەنۋەر ئىسىملىك بىر بالا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئائىلىدە مەخپىيەتلىك ساقلاشتىن ئەسەرمۇ يوق. قىلغان، قىلىۋاتقان، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىم چوقۇم ئۇرۇق تۇغقانلارغا ياكى تونۇش-بىلىشلەرگە دوكلات قىلىنىپ بولغان بولىدۇ.  كۆپ قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەچكە، ئۆيدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقۇم، ئارزۇلىرىمنى ئېيتقۇم كەلمەيدۇ. ئاپامنىڭمۇ ئاغزى شۇنداق بوش، دادام بىلەن پاراڭلاشقاندا كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويساملا ئۇرۇشۇپ قېلىشىمىز ئېنىق. شۇڭا ئائىلىدە مۇشۇنداق بۇرۇقتۇم بولۇپ يۈرۈشكە كۈنۈپ قالدىم».
 كۆپلىگەن ئاتا- ئانىلار بالىلرىنى ئۆزلىرى بىلەن پاراڭلاشمايدۇ دەپلا ئاغرىنىپ، ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئۆزىلىرى  بىلەن پاراڭلاشمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلىرىنىڭ جىمغۇرلىقى ئارقىسىدا  ئۆزلىرىنىڭ ناتوغرا تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى. ھەتتا يۇقۇردىكى بالىدەك ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى مازاق قىلىشىدىن، ياكى ئۆزىنىڭ تېخى پىشمىغان ئارزۇلىرىنى باشقىلارغا كۇتۇلداپ سېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلار  بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى ئەپقاچىدۇ. مانا مۇشۇنداق مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان پاراڭلىشىشلار جۇغلانغانسېرى بالىدا ئاتا-ئانا بىلەن پاراڭلىشىتىن ئۆزىنى تارتىشى تۇرغانلا گەپ.  مەيلىگە قويۇپ بەرسە، قايسى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئەركىلىگۈسى، قۇچىقىدا« ئېغىنغۇسى» يوق، قايسى بالىنىڭ ئىللىق ئائىلىدە ئەللەيلەنگۈسى يوق؟
 يىغىنچاقلىغاندا، يۇقىرىدا بايان قىلىغان مىساللاردىكى بالىلارنىڭ ئائىلىسى ئۇلارغا ئىللىقلىق ئەمەس، بەلكى  تۈگىمەس« شۋقۇن-سۈرەن» نى ھېس قىلدۇرغان. بۇ «شاۋقۇن-سۈرەن» باشقا نەرسە ئەمەس، دەل ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەستىن قىلغان گەپ- سۆزلىرىدۇر. بۇ كوتۇلداشلار بالىنىڭ مېڭىسىنى قوچۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى يۈرەكتىن چىققان مېھىر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ئاندىن بالىنىڭ قۇلىقىغا كىرىدۇ، قەلبىگە سىڭىدۇ. ئاغرىنىش ۋە قاقشاش سۆزلىرىنى ئائىلىڭىزدىن نېرى قىلىش پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بىر ئىلگىرلەشتۇر.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى