قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەردىكى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرى

2017-08-25 18:38:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
جانقورغان- قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ كۆزنەك ساياھەت نوقتىلىرىنىڭ بىرى. بۇ جاي تۈمەن دەرياسىغا يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ھېيتگاھ مەيدانىغىمۇ يېقىن. بۇ جايدىكى بۇلاقبېشى يەنى، توققۇز ئەجدىھا بولىقىنىڭ سۈزۈك سۈيى شىرىلداپ ئېقىپ ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ. يار ئۈستىگە جايلاشقان بۇ ساياھەت ئورنىغا مول مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئېگىز يار ئۈستىگە جايلاشقان بۇ ئورۇندىكى كىچىك- تار، ئەگرى- توقاي سىرلىق كوچىلار بىلەن يار لېۋىگە رەت- رەت سېلىنغان نەچچە يۈز يىللىق ئىمارەتلەر ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ خاسلىقىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، جانقورغانلىقلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئائىلە ساياھىتى، ساياھەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش ئىشلىرىنى يولغا قويۇپ، مىللىي ناخشا- ئۇسسۇل ئەترىتى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلماقتا.
مەشھۇر سەيلىگاھلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان جانقورغان سەيلىگاھى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، بۇ ساياھەت ئورنىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەر ئەسلىگە ۋارسلىق قىلغان ئاساستا پوختىلاپ ياسالدى، ساياھەت يىتەكچىلىرى تەربىيەلىنىپ، سەپلەندى، بۇنىڭ بىلەن جانقورغان ساياھەتچىلەر تېخىمۇ قىزىقىپ كۆرىدىغان جايغا ئايلاندى.
 يەكەن ناھىيىسىدىكى ئىگەرچى سۇ ئامبىرى ساياھەت باغچىسى- زەرەپشان دەريا ئېقىن باشقارمىسىغا تەۋە ئىگەرچى سۇ ئامبىرى باشقۇرۇش پونكىتىغا قاراشلىق بولۇپ، بۇ پونكىت ئىگەرچى سۇ ئامبىرىنىڭ يەكەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى 50 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە مەنزىرىلىك چوڭ سۇ ئامبىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۇ ئامبارنىڭ تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتتى ھەمدە يەكەن ناھىيىسىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتىكى ئېتبار بېرىش سىياستىنىڭ تۈرتكىسىدە زور مەبلەغ سېلىپ، 4000 كوۋادىرات مېتر كۆلەمدە تۈرلۈك يېمەك- ئىچمەك دوكانلىرى ۋە توققۇز يۈرۈش مېھمانخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىستىراھەت باغچىسىنى قۇرۇپ چىقتى. 
«ئالتون توغراق» سەيلىگاھى- 2003- يىلىدىن بۇيان، پوسكام ناھىيىسى ساياھەتچىلىك قۇرۇلۇشىغا 20 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، كۆلىمى 18 مىڭ 200 مودىن كۆپرەك كىلىدىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىق ئاساسىدا 24 مىڭ 680 مو مەنزىرە رايونىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خاسلىقنى گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش تەلىپى بويىچە «ئالتون توغراق» ئورمان باغچىسى قۇرغان بولۇپ، بۇجاي ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سەيلىگاھىغا ئايلاندى.  بۇ باغچا قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن A3دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئورمانچىلىق مىنستىرلىكى تەرىپىدىن «ئالتون توغراق ئورمان باغچىسى»دېگەن نامغا ئېرىشتى. باغچا قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇلازىمەتتە ساياھەتچىلەرگە يۈزلىنىپ، «ئالتۇن توغراق»يۈرۈشلۈك قۇرۇمىلىرىنىڭ تۈرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ ھەمدە ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن پىشۇرۇلغان «ئالتۇن توغراق» بېلىق كاۋىپى، «ئالتۇن توغراق» تونۇر كاۋىپى، غاز كاۋىپى، كەپتەر كاۋىپى، توشقان كاۋىپى قاتارلىق 30 خىلدىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك كاۋاپنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بۇ باغچا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، بۇ تۈردە بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتتى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى