قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياشانغانلاردىكى قانائەتچانلىق ھەققىدە»

2017-08-25 18:45:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
قانائەتچان بولۇش دېگىنىمىز، ئۆزىنى ئەتراپتىكى مۇھىتقا بىر ئاز ماسلاشتۇرۇش، مەيلى قانچىلىك چوڭ ئۆزگىرىش بولسۇن، مۇھىتقا قاراپ ماسلىشىشنى، يەنى «قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىسىپ يۈر» دېگەندەك بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. كونىلاردا: «پەقەت ھوزۇرلىنىپ بولالمايدىغان بەخت بار، چىدىغىلى بولمايدىغان ئازاب يوق» دېگەن گەپ بار. قانائەتچان ياشانغانلار ئۆزىدىن يۇقىرىدىكىلەرنى كۆرسە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، شارائىتى ياخشى، تەمىناتى ياخشى كىشىلەرگە ئۇچرىغاندا ئۇلارغا كۆز قىزارتىپ يۈرمەيدۇ، ھەددىدىن ئاشقانلارغا يولۇققاندا ئىچكىرىلەپ كىرەلەيدۇ ھەم چېكىنەلەيدۇ، ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ. ئۇرۇشۇشقا ئامراقلارغا يولۇققاندا كەڭ قورساق بولالايدۇ، ئەپۇ قىلالايدۇ. ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارغا ئاچچىقلىنىپ يۈرمەيدۇ، قانائەتچان ياشانغانلار يىراقنى كۆرەلەيدۇ، كۆكسى قارنى كەڭ بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق ئىشلارغا ئادەتتىكىدەك قارايدۇ، سوغۇققان بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسى تەڭپۇڭ بولۇپ، ئادەتتە كۈلۈپ يۈرىدۇ، سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.
 ياشانغانلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى كۆپ بولۇپ، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا تالاش- تارتىش قىلماسلىقى، قانائەتچان كەيپىياتتا بولۇشى كېرەك. ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىنى ياشلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمەسلىكى كېرەك. چوڭلارنىڭ ئېيتقىنى توغرا «خاتىرجەم، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنگە يەتمەيدۇ»، يەنى خاتىرجەم ياشاش، ئوچۇق- يورۇق بولۇش، كۆكسى- قارنى كەڭ بولۇش، روھىي ھالىتى تېنچ بولۇش، خارەكتىرى خۇشخۇي بولۇش، باشقىلار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشماسلىق، باش ئاغرىقى تاپماسلىق، ئەڭ موھىمى يوقىلاڭ ئىشلارغا ۋە بەزى ئەرزىمەس ئىشلارغا چېچىلىپ يۈرمەسلىك، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا خوشال- خورام ياشىغىلى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ.
نۇرغۇنلىغان ياشانغانلار «ئۆتمۈشنى ئەسلەش» كە ئامراق، ھەمىشە ئىختىيارسىزلا ئۆتمۈشنى ئەسلەيدۇ، بولۇپمۇ قىلىدىغان ئىشى يوق بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆتمۈشتىكى گۈزەل كۈنلەرنى، باشقىلار ئۇچراشقاندىكى تەبىئىي، سەمىمىي يېقىنلىقنى ئەسلەشكە ئامراق كېلىدۇ. بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن گۈزەل پارلاق كۈنلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى، ياشلىق دەۋرىنى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى، بولۇپمۇ شانلىق نەتىجە قازانغان كۈنلىرىنى، ھازىر ھىچقانداق نەتىجىسى بولمىغان قېرىغان ھالىتىنى ئويلاپ، ناھايىتى ئوڭايلا ئۈمىدسىزلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگەندە ياشانغانلار ھەمىشە «مەن ياش ۋاقتىمدا...»، «ئەينى ۋاقىنى ئەسلىسەم...» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق تەسەللى تاپىدۇ.
ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش كەيپىياتىغا قارىتا، ياشانغان دوستلار توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.
 ئەگەر ئۆتكەن ئىشلارنى زىيادە ئەسلەۋەرسە، ئەتىدىن - كەچكىچە مۇشۇ ئىشقىلا بېرىلىپ، ھەمىشە ئەسلىمە ئىچىدە ئاھ ئۇرۇپ يۈرسە جىمغۇرلۇق، زېرىكىش، بىئارام بولۇش كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشى تۇرغانلا گەپ. كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولسا نورمال ئىش نورمالسىزلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. يېنىك بولغاندا روھىي جەھەتتىن چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ قالايمىقان بولۇشىنى يەنى ئەندىشە قىلىش، قايغۇرۇش، ئۆزىنى كەمسىتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇرمۇشقا بولغان جاسارەت ۋە ئىشەنچنى يوق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جىسمانىي جەھەتتە ئىممونىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، مىتابولىزىم ئىقتىدارى ۋە كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئەزالارنىڭ قېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش، يۈرەك كېسىلى، دېمى سىقىلىش، دىئابېت كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىش، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى قاتارلىقلارغا ياخشى پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.
 ياشانغانلارنىڭ «ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش» پىسخىكىسىنى يېڭىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ زېھىن ۋە كۈچى، جىسمانى كۈچى، كەسپىي ۋە قىزىقىشى بويىچە قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشى، يېڭى شەيئىلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. چىقىشقاقلىقنى، ئەركىن- ئازادىلىكنى ئۈگىنىپ، يىراقلارغا نەزەر سېلىش، كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇش، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئۆزىنى مەجبۇرلىماسلىق، ئاچچىقلانماسلىق، تالاش- تارتىش قىلماسلىقتىن ئىبارەت.
 يەنە كەڭ كۆلەملىك قىزىقىش ۋە ھەۋەسنى يېتىلدۈرۈپ، مەنىۋى تۇرمۇشنى تەڭشەش ۋە بېيىتىش، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش، پائالىيەت جەريانىدا دوست تۇتۇش، ئىش بولسا ئۆز- ئارا ياردەم قىلىش، ئىش بولمىسا ئائىلىدىكى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىش، ئۆز- ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار ياشانغانلارغا ئىنتايىن موھىم. جەمئىيەت، ئائىلە، پەرزەنتلەر دائىم ئاكتىپلىق بىلەن ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق ئاتا قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى تولا ئەسلەش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پاسسىپ كەيپىياتىنى يېڭىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى