قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياسانچۇق ياشانغانلار كۆپ كېسەل بولمايدۇ

2017-08-25 18:46:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
چەت ئەل ئالىملىرى ياسىنىش ۋە گىرىم قىلىشقا ئامراق 60 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان ياشانغان كىشىنى تەكشۈرۈپ، بۇلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن ياش كۆرۈنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئون نەچچە ياش ياشىرىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى . ئالىملار يەنە ياسانچۇق ياشانغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ياشانغانلارغا قارىغاندا %30 ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. پىسخولوگىيە ئالىملىرى مۇنداق قارىدى : ياشانغانلار مۇۋاپىق ھالدا ياسىنىشى ۋە گىرىم قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ياشلىق كۈچى ئاشىدۇ . ياشانغانلاردا «مەن تېخى ياش» دەيدىغان قاراش بولۇشى كېرەك ، بۇمۇ ياشانغانلارغا ئۈمىد ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. بۇنداق ياخشى پىسخىك ئالامەتلەر بەدەننىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىپ ، پايدىسىز ئامىللارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق. ئەمەلىيەتتە ، كېسەلچان ياشانغانلارمۇ ئۆزىنى مۇۋاپىق كۈتۈشنى، روھلۇق يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا، سالامەتلىكى بارا-بارا ياخشىلىنىدۇ .
 قاشتېشى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە يۈرەككە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، روھنى ئۇرغۇتۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان مەدەن تۈرىگە تەۋە بولۇپ، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق. خىمىيەلىك ئانالىز قىلىنىشىچە، قاشتىشىنىڭ تەركىبىدە سىنىك، ماگنىي، مىس، سېلېن قاتارلىق بەدەنگە پايدىلىق ئون خىلغا يېقىن مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، ئۇ بەدەن ئەزالىرى بىلەن رىزونانىس پەيدا قىلىپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ سالامەتلىككە پايدا قىلىدۇ. بەزى قاشتېشىلىرىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى غەلىتە بولۇپ، كۈندۈزى نۇر قۇبۇل قىلىپ، كېچىسى نۇر چاچىدۇ. ئەگەر نۇر توچكىسى پەللىلەرگە چۈشسە، پەللىلەرنى غىدىقلاپ، ئەزالاردىكى توسالغۇلارنى ئېچىپ، مۇئەييەن داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. قاشتېشى بىلەيزۈك تاقاپ يۈرسە، كۈنلەرنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ياشانغانلاردىكى غۇۋا كۆرۈش ئىللىتىنى يوقىتىپلا قالماي، قۇۋۋەت جۇغلاپ، زېھىننى پەرۋىش قىلىدۇ. بويۇنغا قاشتېشى ئېسىپ يۈرسە، قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بويۇن مۇسكۇلىنىڭ بوشاپ ساڭگىلىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. بويۇن ئۇزۇن مۇددەت جىددىي ھالەتتە تۇرۇشتىن پەيدا بولغان تۈرلۈك سوزۇلما كېسەللىكلەرگىمۇ شىپا بولىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى