قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساياھەت مەدەنىيىتى سىزدە تىكلەندىمۇ؟

2017-08-29 12:56:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋارىسجان ئەخمەت

كىشىلىك تۇرمۇشتا «بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ» دېگەندەك، ئىجتىمائىي پائالىيەت، سەيلە-ساياھەت جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىنى كۆرىدىكەنمىز، بىلىدىكەنمىز، ئۆگىنىدىكەنمىز، ئۆرنەك ئالىدىكەنمىز. تۇرمۇش ئېھتىياجى، مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ تەشناسى بىلەن مەيلى قانداقلا ئورۇندا سەيلە-ساياھەتتە بولايلى، چوقۇم بىزدە سەيلە-ساياھەت مەدەنىيىتى بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىزگە تونۇش ياكى ناتونۇش بولغان، بىز ئىنتىلگەن نۇرغۇن ساياھەت ئورنىنىڭ ئەسلىھەلىرى ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ خېلى تولۇق ھەم يېتەرلىك بولغاندىن باشقا، ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ پاكىزلىقى، رەتلىكلىكى، ئەلا مۇلازىمىتى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئېڭى ئۈزلۈكسىز يېتىلىۋاتقان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، زور كۆپچىلىكىمىز سەيلە-ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما، بىر قىسىملاردا مۇھىت ئېڭىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك خالىغان يەرگە نەرسىلەرنى تاشلايدىغان قىلمىش يوق ئەمەس.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرى، جۈملىدىن سەيلە-ساياھەت ئورۇنلىرىغا ھەر مىللەت، ھەر كەسىپ، ھەر خىل ياشتىكىلەر كېلىدۇ. ئۇلار ساياھەت مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ، كۆڭۈل ئاچىدۇ، پائالىيەت قىلىدۇ. دېمەك ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنى، جۈملىدىن سەيلە-ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىت سۈپىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ۋە سەيلە-ساياھەتچىلەر ئەھمىيەت بېرىدىغان، كۆڭۈل بولىدىغان ئورۇن.
بىزدە «ھەقىقىي گۈزەللىك قەلب گۈزەللىكى» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار، ئىنساننىڭ قەلبى گۈزەل بولغاندىلا ئىش-ھەرىكىتى، پائالىيىتى تەرتىپىلىك بولىدۇ. قەلب گۈزەل بولمىسا ئادەم ھەر قانچە پۇزۇر كىيىنىپ، قېتىۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر خۇددى ياغاچ قونچاقنى ھەر قانچە بېزىسىمۇ سىياقىدا ھېچقانداق يېڭىچە كۆز قاراش ھەم ئىدىيە شەكىللەنمىگەندەكلا ئىش. شۇڭا ساياھەت قىلغاندا گەپ-سۆز، ئىش-پائالىيەتلەردە ئاڭلىق، ئىلمىي بولايلى، ھەرگىزمۇ باشقىلار دىققەت قىلمايدۇ دەپ مەدەنىيەتسىزلىك قىلمايلى. كىچىككىنە تەرەپلەردىمۇ ئاڭلىق بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرەيلى. سەيلە-ساياھەت ئورۇنلىرىمۇ ئەلا مۇلازىمىتى، پاكىز مۇھىتى، تەبىئىي ئالاھىدىلىكلىرى، رومانتىك تۈسلىرى، ئۆزگىچىلىكى، جەزبىدار ھەم جەلىپكارلىقى بىلەن تۇنۇلىدۇ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. سەيلە-ساياھەت ئورنىدا سىز، بىزدىن باشقا نۇرغۇن كىشى پائالىيەت قىلىدۇ. ئەگەر بىزدە بەلگىلىك مۇھىت قوغداش ئېڭى بولىدىكەن، چۇقۇمكى مۇھىتنى ئاسراش، ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىگە بەجانىدىل رىئايە قىلىش بىزگە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.
ساياھەت پۇرسىتى ھەر بىر ئىنسانغا ھەر ۋاقىت، ھەر زامان نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ، مەيلى سىز قانداق ساياھەت ئورنىغا بېرىڭ ۋە قانچىلىك ۋاقىت ساياھەت قىلىڭ، ئالدى بىلەن ساياھەت مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى