ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار

2017-08-29 19:11:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز «داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر» دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر، شۇنداقلا كەڭ تۇرمۇش ھېكمەتلىرى يوشۇرۇنغان.
ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەممە ئادەم تۇرمۇش قاينىمى ئىچىدە ياشايدۇ. تۇرمۇش دېمەك جاپا- مۇشەققەت دېمەكتۇر. جاپا- مۇشەققەتسىز تۇرمۇشنىڭ لەززىتى بولمايدۇ. ئادەم تۇرمۇشقا قانچە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرسە تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە شۇنچە يېتىدۇ. ئاددىي ئادەملەرنىڭمۇ، مەشھۇر شەخسلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا تۇرمۇشى بولىدۇ. تۇرمۇشنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۇرمۇشقا ئەجىر سىڭدۈرمەي بولمايدۇ.
ھازىر مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن ياكى يېزىلاردا بولسۇن ئالدىن بېيىغان بىر قىسىم كىشىلەر بار. يەنە بېيىش يولىدا تىرىشىۋاتقان كىشىلەرمۇ سان- ساناقسىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇل تېپىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بار. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، پۇل تېپىش، تۇرمۇشنى قامداش كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، تۇرمۇش شارائىتىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پەرقلىق بولماقتا.
يەنە كېلىپ بۇنداق كىشىلەر ئىچىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارمۇ بىر قەدەر كۆپ. ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەي دېسە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئاتا- ئانىسى مىڭبىر جاپادا ئىشلەپ تاپقان پۇلنى ئوقۇشقا سەرپ قىلىۋەتكەچكە، يەنە پۇل دېيىشتىن خىجىل بولىدۇ. بىرەر ئورۇندا ئىشلەي دېسە جىسمانىي ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە قىلاي دېسە ئىش دېگەن كۆپ، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت دېگەن يەتكىچە بار.
ھاياتلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر پۇرسەت. تۇرمۇشىمىز قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغاندا، پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا خىجىل بولۇش دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ، بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزدىن ئارتۇقچە خۇدۈكسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
دۇنيادىكى بايلارمۇ تۇرمۇشقا ئەجىر سىڭدۈرمەيلا باي بولغان ئەمەس، نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەپ چىققان. بىزمۇ باي بولۇشنى خالىساقلا، جاپا چېكىشتىن قورقمىساقلا بېيىش پۇرسىتى دېگەن تولا. مېنىڭچە، «تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز ھەرگىز تۇرمۇشتىن چىقىرىلغان ئاددىي يەكۈن ئەمەس، ئۇنىڭغا نۇرغۇن تۇرمۇش جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن.
رېئاللىققا نەزەر سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن ئالىملار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ، ئاندىن ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان تاماق ۋاقتى، دەم ئېلىش ۋاقتى، ئۇخلاش ۋاقتى دېگەندەك ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلارغا ھېچكىم ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ بەرمەيدۇ، پەقەت پۇرسەتنى ئۆزلىرى يارىتىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەش ھەقىقەتەن بىر مۇشەققەتلىك جەريان، ئەمما ئىشنى باشلىۋالغاندىن كېيىن بارا- بارا تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ پىشىپ يېتىلىدىغان گەپ. مەيلى نېمىلا خىزمەت بولسۇن خوجايىن ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ئىشلەش كېرەك. سەن خىزمىتىڭنى قانچە پۇختا، قانچە ئەستايىدىل، قانچە مۇكەممەل ئىشلىسەڭ ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان نەتىجەڭمۇ شۇنچە قانائەتلىنەرلىك بولىدۇ.
بىزدە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھەققىدە تەسىرلىك ھېكايىلەر خېلى كۆپ، ھەممىسى بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى تۈز بولغان ئەمەس، پەقەت ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىمىزدىن ۋاز كەچمەي، ئازراق ئۈمىدلا بولىدىكەن نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك.
تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشنى ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشتىن باشلىشىمىز كېرەك. چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا قۇربىمىز يەتمەي، كىچىك ئىشلارنى ياراتماي يۈرسەك بىر ئۆمۈر جاپادا ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بىز قىلىشقا ئىرادە باغلىساقلا، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە، ئەتراپىمىزدا، قىلىۋاتقان كۈندىلىك ئىشلار ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پۇرسەتلەر بار. پەقەت بىز شارائىت ۋە پۇرسەتنى بايقىيالىساق ۋە ئۇنى چىڭ تۇتالىساقلا، پۇرسەت بىز ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى