ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ئىرادە كېرەك

2017-08-31 13:03:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سادىق ئىمىر

دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھاتنىڭ باھار شامىلى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلدى. تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە جاپا چېكىشنى خالىمايدىغان، قىيىنچىلىققا يولۇقسا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدىغان، ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا زارلىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلمايدىغان ھۇرۇنلۇق ۋە پاسسىپلىق ئىدىيە مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىنسان ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە تاۋلىنىدۇ، قىيىنچىلىق بىر بايلىق، ئۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى گەپ قىيىنچىلىققا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا. يېقىندا ماتېرىيالدىن كۆرگەن تۆۋەندىكى ماقالە ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى.
دادىسى باشقىلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ تەرەپ- تەرەپتىن ئۆتنە ئالغان 4533 يۈەن پۇلنى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئوغلىغا سۇنغان شۇ پەيتتە، ئوغلى 4533 يۈەن پۇلدىن 4100 يۈەننى ئوقۇش ھەققى، پارچە- پۇرات چىقىملار ئۈچۈن تاپشۇرۇۋەتسە، بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش مەزگىلىدە خەجلەيدىغانغا قولىدا 433 يۈەنلا قالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دادىسىنىڭ بار ئاماللارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. ئۇ نىمكەش رېزىنكە ئايىغى بىلەن 120 كىلومېتىر ئەگرى- توقاي تاغ يولىنى بېسىپ، يەنە 68 يۈەن پۇل خەجلەپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئاخىرقى مەنزىلى − قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتىپىگە يول ئالدى. مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇش ھەققىنى تاپشۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىدا 365 يۈەن پۇل قالغانىدى. بەش ئاي ۋاقىتقا 300 نەچچە يۈەن پۇلنى قانداق يەتكۈزۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. ئۇ كۈنىگە ئىككى ۋاق تاماق يېيىش، ھەر ۋاق تاماق ئۈچۈن ئىككى يۈەن خەجلەشنى ئۆزىگە خامچوت پىلانى قىلىپ بېكىتكەن بولسىمۇ، يېنىدىكى پۇل مەۋسۇم ئاخىرىغىچە يەتمەيتتى. ئۇ چىشىنى چىشلەپ 150 يۈەنگە پەقەت تېلېفون ئۇرغىلى، قىسقا ئۇچۇر يوللىغىلىلا بولىدىغان نىمكەش يان تېلېفون سېتىۋالدى. ئەتىسى «سىزگە قايناق سۇ، تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش، ۋاكالىتەن ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت كېرەكمۇ؟ مەكتەپ ئىچىدىكى بىر قېتىملىق مۇلازىمەت ئۈچۈن بىر يۈەن، مەكتەپ سىرتىدىكى بىر كىلومېتىر يىراقلىققا بېرىپ قىلىدىغان مۇلازىمەت ئۈچۈن ئىككى يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ، ئېھتىياجىڭىز بولسا، ماڭا تېلېفون قىلىڭ» دېگەن ئېلاننى مەكتەپ تەشۋىقات تاختايلىرىغا چاپلىدى. ئېلان چىقىرىلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ يان تېلېفونى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونغا ئايلاندى. شۇ مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ تېلېفون بېرىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى. يەنە بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ساپما كەش ئەكىلىپ بېرىشنى ئېيتتى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى تېلېفون قىلىپ، ئۇنى مەكتەپ سىرتىدىكى ئاشخانىدىن 15 يۈەنلىك تاماق ئەكىلىپ بېرىشنى ئېيتتى. ئون مىنۇتقا قالماي تاماق يەتكۈزۈلدى. تاماق بۇيرۇتقۇچى ئۇنىڭغا 20 يۈەن تەڭلىدى. ئۇ تاماق پۇلى ئۈچۈن 15 يۈەن، تاپان ھەققى ئۈچۈن ئىككى يۈەن تۇتۇپ قېلىپ، قالغان ئۈچ يۈەننى قايتۇردى. مۇلازىمەتنىڭ ۋاقتىدا، ئىشەنچلىك بولغانلىقىدىن شۇ ياتاقتىكىلەرنىڭ ئىشى چىقسىلا، ئۇنى بۇيرۇيدىغان بولدى. ئۇ تىجارىتىنىڭ بۇنچىلىك تېز روناق تېپىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. بەزىدە ئۇ دەرستىن چۈشۈپ يان تېلېفونىنى ئېچىشىغىلا، يان تېلېفونى ئىش بۇيرۇتۇپ ئۇرۇلغان تېلېفون ياكى ئەۋەتىلگەن قىسقا ئۇچۇر بىلەن توختىماي سايراپ كېتەتتى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يان تېلېفونىغا بىر قىز ئوقۇغۇچىدىن كۈنلۈك ئەكىلىپ بېرىش ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى. ئۇ يامغۇرغا پىسەنت قىلماي يۈگۈردى، ئۈستبېشى چىلىق- چىلىق ھۆل ھالەتتە كۈنلۈكنى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ قولىغا يەتكۈزگەندە، قىز ئوقۇغۇچى ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى. ئۇ تۇنجى قېتىم قىز بالىنىڭ بۇنداق قىزغىن مۇئامىلىسىگە سازاۋەر بولىشى ئىدى. شۇ تەرىقىدە تۇنجى مەۋسۇم ئالدىراشچىلىقتا ئاخىرلىشىپ، قىشلىق تەتىلدە ئۇ ئۆيىگە قايتتى. دادىسى ئۇنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن غەم يەۋاتاتتى. ئۇ 1000 يۈەن پۇلنى دادىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: دادا، سىز ماڭا باياشات تۇرمۇش ئاتا قىلالمىغىنىڭىز بىلەن، ماڭا بىر جۈپ تېتىك پۇت ئاتا قىلدىڭىز، مەن بىر جۈپ پۇتۇمغا تايىنىپ ئالىي مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق تاماملايمەن، تېخى نام چىقىرىمەن، دېدى.
كېيىنكى مەۋسۇمدىن باشلاپ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار دوستلىرىنى سېپىگە قوشۇۋالدى. ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى دەسلەپكى ئۇششاق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، يەتكۈزۈپ بېرىشتىن كومپيۇتېر زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، يەتكۈزۈپ بېرىشكىچە كېڭەيدى. ئىككىنچى مەۋسۇم ئاخىرلاشقاندا، ئۇ كومپيۇتېر سېتىۋېلىپلا قالماي، توردا زور كۆلەمدىكى خېرىدارلار توپىغا ئىگە بولدى، يەنە بىر چوڭ سودا سارىيىنىڭ مەكتەپتىكى باش ۋاكالەتچىسىگە ئايلاندى. ئۇ مەلۇم ئۆلكىلىك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خې جيانەن ئىدى. ئۇنىڭ نىشانى تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپلا قالماي، يەنە مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسمايىسىنىمۇ توپلىۋېلىش ئىدى.
دېمەك، نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بۇ ئوقۇغۇچى قىيىنچىلىق ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرماي، قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە بەل باغلاپ ھەم تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە تەدبىر قوللىنىپ، ئاخىر قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. ئەتراپىمىزدا خې جيانەنگە ئوخشاش ياشلىرىمىزمۇ خېلى بار، ئەلۋەتتە. ياشلىق دەۋر ئۆگىنىدىغان، تىرىشىدىغان، كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىدىغان مەزگىل. مېنىڭچە، ياشلىقتا تىرىشسا، بەلنى چىڭ باغلىسىلا، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش تەس ئەمەس. يۇقىرىقى مىسالدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەمەلىيىتى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى