ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاياللار ۋە تۇرمۇش راھىتى

2017-08-31 13:20:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بى شۇمىن

بىز دەۋاتقان راھەت كۆرۈش پۇلنى بۇزۇپ - چېچىپ بەتخەجلىك قىلىش ئەمەس، ئەيش- ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشمۇ ئەمەس، ئۆزىنى كۆرسىتىپ يوغانچىلىق قىلىشمۇ ئەمەس. بىز دەۋاتقان راھەت كۆرۈش مال - دۇنيادىن غەم قىلمايدىغان ئېسىلزادىلەرچە ياشاش ئەمەس، تاۋار - دۇردۇنلارغا پۈركەنگەن لاتاپەتمۇ ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى ساياھەت قىلالايدىغان ئەركىن - ئازادىلىكمۇ ئەمەس، دىللارنى سۆيۈندۈرىدىغان نەغمە - ناۋالارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشمۇ ئەمەس...
بىز دەۋاتقان راھەت كۆرۈش ئاشخانىسىدا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى ئېتىپ يېيىش، سودا - سارايلاردىن مەخسۇس ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىيىمدىن بىر قۇر سېتىۋېلىش، باغچىلاردا بالىلىقتىكى يېقىن دوستى بىلەن ھېچقانداق غەم - ئەندىشىسىز، ئەركىن - ئازادە مۇڭدىشىش. ھېچقانداق ئىشنى خىيال قىلماي، خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىنونى كۆرۈش... بىز دەۋاتقان ئاياللارنىڭ راھەت كۆرۈشى پەقەت نورمال كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان ئەڭ ئەقەللىي تۇرمۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇش خالاس.
ئاياللار راھەت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلمامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بالىسى يېڭى تۇغۇلغاندا ئۇلار بالىسىنى بېقىش، سۈتىنى تەييارلاش، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇش بىلەن بىردەممۇ بىكار بولالمايدۇ، بۇنداق چاغدا ماغزاپ بولۇپ كەتكەن قولىدا پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، «ھازىر بالام تېخى كىچىك، چوڭ بولغاندىن كېيىن راھەت كۆرۈۋالساممۇ بولىدۇ» دېيىشىدۇ. بالىسى ئاستا - ئاستا چوڭ بولۇپ، يەسلىگە كىرگۈدەك بولغاندا، ئاياللار بالىسىنى يېتىلەپ چىقىپ، كۆكتات ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىپ تاماق ئېتىدۇ، يەنە تېخى ئىدارىدە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىسا بولمايدۇ، شۇ ئالدىراشلىقتا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ ئىشلەيدۇ. «ھېچقىسى يوق، بالام مەكتەپكە كىرگەندە قولۇم بوشايدۇ، شۇ چاغدا راھەت كۆرۈۋالارمەن...» ئاياللار ئۆزىگە شۇنداق تەسەللى بېرىدۇ، بۇ چاغدا ئاياللارنىڭ يۈزىگە بىلىنەر - بىلىنمەس قورۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ. بالىسى ئاخىرى مەكتەپكىمۇ كىرىدۇ، ئاياللار ئەكسىچە تېخىمۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بالامنى چوقۇم ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلىشىم كېرەك. ئاياللار شۇ ئارزۇ - ئارماننىڭ تۈرتكىسىدە، ئىدارە، ئۆي، مەكتەپ، بازار ۋە ھەر خىل، ھەر ياڭزا تەربىيەلەش سىنىپلىرىنىڭ ئارىلىقىدا باپكارنىڭ موكىسىدەك يورغىلاپ يۈرۈيدۇ.
 يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاياللارنىڭ تارتقان جاپالىرى ئۇلارنىڭ چېچى ۋە پېشانىلىرىگە ئۆز ئىزناسىنى قالدۇرىدۇ. «مەن قاچانمۇ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ راھەت كۆرەرمەن؟» ئايسىز كېچىدە، ئاياللار سىرقىراپ ئاغرىغان بېلىنى رۇسلاپ ئۆز - ئۆزىگە شۇنداق سوئال قويىدۇ. «چىدىشىم كېرەك، چىدىساملا ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ. بالام چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ياكى خىزمەتكە چىقسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا ياخشىراق راھەت كۆرۈۋالارمەن...» ئاياللار ئۆزىگە مانا مۇشۇنداق ۋەدە بېرىدۇ. ۋاقىت ئاياللارنىڭ ھۆسنى ۋە كۈچىنى خورىتىپ، قورۇق ۋە ھارغىنلىقنى ھەدىيە قىلىدۇ. بالىسى چوڭ بولۇپ، يىراق - يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئىلگىرىكى تاتلىق ئەسلىمە ۋە خاتىرىلەرلا ئانىغا ھەمراھ بولۇپ قالىدۇ. ئاياللار ئېغىر ئۇھ تارتىدۇ، مانا ئەمدى ئۇلار ئاخىرى راھەت كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولدى.
ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ چىشى بوشاپ كەتكەچكە، قاتتىق نەرسىلەرنى چاينىيالمايدۇ، كۆزى خىرەلەشكەچكە، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلالمايدۇ. قۇلىقى ئېغىرلاشقاچقا، يېقىملىق مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ...چىقىپ كەتكەن بالىسى يەنە قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ ئۆزىدىن تېخىمۇ كىچىك بالىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، توغرىسى، نەۋرە باقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار توساتتىن ۋاقىت كەينىگە قايتقاندەك ھېس قىلىپ، يەنە ئىلگىرىكىدەك ئايىغى چىقماس ئالدىراشلىق ئىچىگە شۇڭغۇپ كېتىدۇ... ھېلىقى نەۋرىنىڭمۇ ئاستا - ئاستا تىلى چىقىدۇ، بىراق ئۇ «ئاپا» دېمەي، «موما» دەيدۇ. ئاياللار مانا مۇشۇنداق جاپالاردا قېرىپ مۈكچىيىدۇ، مومايغا ئايلىنىدۇ. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇلارغا راھەت كۆرۈشنىڭ ئورنى قالمايدۇ.
ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالىدۇ - دە، ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلايدۇ: باھارنىڭ ئىللىق كۈنلىرىدە قىزىل گاز ياغلىقىنى چىگىپ، دالىدىكى ياپيېشىل چىملىقتا نەغمىچى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىغاچ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاپتاپ سىنىسام... ئۇ ھەقىقەتەن بىر خىل راھەت كۆرۈش - دە! ئاياللار شۇنى ئويلىغاچ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىدۇ.
يۇقىرىقىدەك قايغۇلۇق ۋە ئېچىنىشلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئاياللارنىڭ راھەت كۆرۈشىنى تەسۋىرلەپ بەرگىنىمىزنى كەچۈرڭلار،چۈنكى، مېنىڭچە سانسىزلىغان ئايال كىشىلىك دۇنياغا ئۆزىنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىنى سېخىيلىق بىلەن بەخش ئەتكەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر ئادەمگە تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلىدىكەن. ئۇ دەل ئۇلارنىڭ ئۆزى.
ئاياللار، ئۆزۈڭلارنىڭ راھەت كۆرۈشۈڭلارغىمۇ ۋاقىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ قويۇڭلار، ھەرگىز مانا - ئەتە دەپ ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمەڭلار، كۆز ئالدىڭلاردىكى ۋاقىتتىن، بۈگۈندىن باشلاڭلار. تەخسىدىكى گۆشنىڭ ھەممىسىنى «بالام يېسۇن» دېمەڭلار. يىغقان - تەرگەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆي ياساشقا خەجلىمەڭلار، زېھنىي كۈچۈڭلارنى ئارتۇقچە ئىشلارغا خورىتىۋەتمەڭلار، بايراملىق سوۋغات بېرىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىسمىنى يېزىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار...
   ئاق كۆڭۈل ئاياللار، مانا مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرگەيسىلەر.
 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى