قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خوجايىن، دادامنى تاماققا تەكلىپ قىلسىڭىز قانداق؟

2017-09-05 18:26:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يى مىڭ

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىندىم، كۈندە قىلىدىغىنىم ئاساسەن ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئىدى، ئاساسەن كومپيۇتېردا خەت بېسىش، ماتېرىيال كۆپەيتىش ياكى ماتېرىيال رەتلەش بىلەن كۈننى كەچ قىلاتتىم، مۇددىئايىم پەقەت بۇ شەھەردە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئىدى. ئېھتىمال ئىچ مىجەز بولغانلىقىمدىن بولسا كېرەك، ئۆزۈمنى كۆرسىتىشنى تازا خالاپ كەتمەيتتىم، ئىشخانىدا پۈتۈن بىر كۈن تولۇق بىر جۈملە سۆز قىلمايتتىم. خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭا بەك تەكەللۇپ قىلىپ كېتەتتى، بىراق ئۆزئارا بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاشنى ئۇنتۇپ قالمايتتۇق. بىر كۈنى دادامدىن تېلېفون كەلدى، تېلېفوندا ئۇ يېنىمغا كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتىۋېدى، «ياق» دېيەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە دادامنىڭ مەقسىتى مېنىڭ بۇ يەردە قانداقراق تۇرۇۋاتقانلىقىمنى، قانداقراق ياشاۋاتقانلىقىمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئىدى. يەنە خىزمەت مۇھىتىم قانداق؟ يېقىن ئادەملىرىم بارمۇ - يوق؟ دېگەنلەرنىڭمۇ دادام قىزىقىدىغان تېمىلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئانام مەن كىچىك چاغدىلا تۈگەپ كەتكەن بولغاچقا، دادام مېنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنىڭ مەزمۇنى دادامنىڭ «سۇمۇرغ» ماركىلىق ۋېلىسىپىتىنىڭ رامىدا ئۆتكەن كۈنلەر ئىدى، بىز كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ تاڭ ئاتماستىلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۇيۇتقان پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى ساتاتتۇق.
     ھەقىقەتەن بۇ شەھەردە مېنىڭ بىرمۇ يېقىن ئادىمىم يوق ئىدى، شۇنداق ئىكەن دادام كەلگەندە قانداق قىلىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ يولغا سالالارمەن؟ تازا ئويلانغاندىن كېيىن، ئاخىر خوجايىندىن ياردەم سوراش نىيىتىگە كەلدىم.
    شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈنى مەن پۈتۈن بىر كۈن خوجايىننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتتىم، ئۇنىڭ مېنى تونۇمايدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى، ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئېغىز ئاچارمەن؟ ئۇ مېنىڭ بۇ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىمگە قوشۇلارمۇ؟ ئەنە شۇنداق دەككە - دۈككىچىلىكتە كۈن كەچ بولدى، ئاخىرى ئىشتىن چۈشەرگە يېقىن يۈرىكىمنى قاپتەك قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. بۇ مېنىڭ ئىشقا چۈشكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا تۇنجى قېتىم كىرىشىم ئىدى، ئۇ مېنى كۆرگەندىن كېيىن، سەل تەئەججۈپلەنگەن تەلەپپۇزدا:
  - سىز...؟
 دېۋىدى، بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتىم، كېكەچلەپ تۇرۇپ كىملىكىمنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
 - ئىشىڭىز بولسا ئالدىرىماي دەڭ.
- مەن شۇ ... بىر ئىش بىلەن ئالدىڭىزغا كىرىۋېدىم...  خوجايىن، دادامنى بىر ۋاق تاماققا تەكلىپ قىلىشىڭىزنى سورايمەن، بولمىسا شىركەتنىڭ مەسئۇلى تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ، شۇ... شىركەتنىڭ نامىدىن...
 شۇ گەپتىن كېيىن يۈرىكىم خېلى يوغىناپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن دادامغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلارنى بىراقلا دەۋەتتىم ۋە سۆزۈمنى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن تۈگەللىدىم:
- دادام مەندىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىدۇ، سىرتتا يۈرۈپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىشلىرىم بەك ياخشى، خىزمىتىم مۇقىم، يەنە كېلىپ رەھبەرلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىمەن...- بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكىنىمدىن بولسا كېرەك، يۈزلىرىم ئوتتەك قىزىپ كەتتى، ئۇنىڭ قوشۇلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالدىراپ گەپ قوشتۇم، - ئەلۋەتتە تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزۈم چىقىرىمەن...
- بولىدۇ، ئۇنداق بولسا جۈمە كۈنى كەچتە بىللە تاماق يەيلى، بولامدۇ؟
- بو... بولىدۇ،  دېدىم بۇ جاۋابتىن بىردىنلا مەڭدەپ، لېكىن تېزلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم، - ماقۇل، قايسى كۈنى بولسا بولۇۋېرىدۇ.
@- ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، سىز بۇ بىر نەچچە كۈن ئارام ئېلىڭ، دادىڭىزنى ياخشى يەرلەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىڭ. مەن شوپۇرغا دەپ قويىمەن، بۇ نەچچە كۈندە سىرتقا چىقماقچى بولساڭلار شىركەتنىڭ پىكاپىنى ئىشلىتىڭلار.
-  ياق، ياق خوجايىن، بۇنداق قىلىش كەتمەيدۇ،ھېلىمۇ كۆپ تەشەككۈر! - ھاياجانلانغىنىمدىن يەنە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، دەرھال ئېگىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەزىم قىلدىم.
   جۈمە كۈنى ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن شىركەتنىڭ شوپۇرى مېنى چاقىردى، ئاندىن مەن بىلەن بىللە ۋوگزالغا دادامنى ئالغىلى باردى. قايتىدىغان چاغدا شوپۇر بارىدىغان مېھمانخانىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىۋېدى تاڭلا قالدىم، چۈنكى ئۇ دېگەن بۇ شەھەردىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك مېھمانساراي ئىدى، ھەتتا مەنمۇ كىرىپ باقمىغان ئىدىم.
  شۇ كۈنى كەچتىكى زىياپەت بەكلا مول بولدى، بەزى قورۇمىلارنىڭ ئىسمىنى ھازىرمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، ھەتتا شىركەتنىڭ بارلىق ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى زىياپەتكە داخىل بولغانىدى. راست گەپنى قىلسام، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپىنچىسىنى مەن تونۇمايتتىم، تونۇيدىغانلىرىم بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ قالساق پەقەت سالاملىشىپلا قوياتتۇق، ئەمما زىياپەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا كونا تونۇشلاردەك مۇئامىلە قىلدى، ھەتتا قايسى بىر ماتېرىيالنى بەكلا ياخشى يازغانلىقىمنى، ھەر كۈنى ئىدارىغا ھەممىدىن بۇرۇن كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىشىپ ماختاپمۇ قويدى. ئۇلار ئۆزئارا شۇنچىلىك ئازادە مۇڭداشتى، چاقچاق قىلىشتى، تاكى دادام مەست بولغانغا قەدەر رومكا سوقۇشتۇرۇشتى.
    شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى كۈندە شوپۇر سەھەردىلا ئىجارە ئالغان ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولىدىغان بولدى، دادام بىلەن مېنى پىكاپقا ئولتۇرغۇزۇپ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلاندۇردى. ئىككى كۈندىن كېيىن دادام يۇرتقا قايتىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى ئالدى، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماڭا مۇنداق دېدى:
- بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن سەندىن ھەقىقەتەن خاتىرجەم بولالمىغان ئىدىم، ئەمما كەلگەندىن كېيىن بەكلا ياخشى ياشاۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم. ئەسلىدە يېنىڭدا بىر مەزگىل تۇراي دېگەن، بىراق شىركەتكە ئۇستىخىنىڭنىڭ خېلىلا ئوبدان چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئەمدى بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدىم... 
   دادام كەتكەندىن كېيىن، مەن خوجايىننىڭ ئالدىغا كىرىپ چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىشقا تەييارلاندىم، بىراق مەن ئۇنى ئىزدەپ بارغىچە، ئۇ شىركەتتە بارلىق خادىم قاتناشقان چوڭ يىغىن ئاچتى. يىغىندا خوجايىن ئىسمىمنى ئالاھىدە ئاتىدى، ئاندىن مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن خادىمنى چۈشىنىشكە كۆڭۈل قويمىغانلىقى سەۋەبىدىن ناماقۇل بولدى، ئاندىن:
- بۇ خىزمەتچىنىڭ ماڭا شۇنداق بىر تەلەپنى قويغانلىقىغا چىن دىلىم بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن، چۈنكى ئۇ ماڭا بىر كوللېكتىپ بولغان شىركەتنىڭ خىزمەت سورىنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئاسرايدىغان چوڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. دېمىسىمۇ شىركەتتە رىقابەت، ئالغا ئىنتىلىش، پايدا ۋە تەرەققىياتتىن باشقا، يەنە ئادەتتىكى ئۆيگە ئوخشاشلا ئائىلە ئىللىقلىقى بولۇشى كېرەك. مانا بۇنى ھەقىقىي ياخشى كوللېكتىپ، مەڭگۈ ئالغا قاراپ ماڭىدىغان كوللېكتىپ دېسەك بولىدۇ، - گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، خوجايىن ئورنىدىن تۇرۇپ، پەستە ئولتۇرغان خىزمەتچىلەرگە چوڭقۇر تەزىم قىلدى.
   يىغىن زالىدا ئالقىش ساداسى خېلى ئۇزاق داۋام قىلدى، ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل ئىللىقلىق قاپلىدى، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، تەشەببۇسكار ۋە قىزغىن بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. شىركەتتىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى، يەنى ھەر بىر خىزمەتچىدە كەسىپكە بولغان قىزغىنلىق كۈچىيىپلا قالماستىن، يەنە بىر - بىرىنى ئويلايدىغان ئىنتايىن ئىللىق بىر مۇھىت شەكىللەندى. خىزمەتداشلار ئارا بىر - بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش كۈچىيىپ خۇددى بىر تۇغقانلاردەك بولۇپ كەتتى. شۇڭا  پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندە نۇرغۇن سودا شىركەتلىرىنىڭ بەزىلىرى زىيانغا دەسسىدىن بەزىلىرى ۋەيران بولدى، ئەمما بىزنىڭ شىركەت زىيان تارتمايلا قالماستىن، ئانچە - مۇنچە پايدا ئالدى.
ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ھېلىقى مەمۇرىي خادىم «مەن» ئەمەس، بەلكى كەسپىي ئىشلار دىرېكتورى «مەن» پەيدا بولۇپ، شىركەتكە تۆھپە قوشىدىغان تايانچقا ئايلاندىم. مەن بۇ كەچمىشىمنى زادىلا ئېسىمدىن چىقارمىدىم، ھەتتا شىركەتكە يېڭى قوبۇل قىلىنغان خادىملارغا بۇ ھېكايەمنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا «مېھىر - مۇھەببەتنىڭ كۈچى ھەرقانداق مۈشكىلاتنى يېڭەلەيدۇ» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈردۈم. ھازىرمۇ شىركەتتىكى پېشقەدەملەر مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرس بولدى...
قانچىلىك كارخانىچى، قانچىلىك خوجايىننىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما خىزمەتچىلەرنىڭ تەلىپى چوڭ ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگۈم بار: قاچانلا قارىسا ئاغزىڭىزدىن «شىركەت سېنىڭ يەنە بىر ئۆيۈڭ» دەيدىغان گەپ چۈشمەيدۇ، بىراق سىز شۇ خادىملارغا ئۆينىڭ ئىللىقلىقىنى قانچىلىك ھېس قىلدۇرالىدىڭىز؟ بىلىش كېرەككى، شەپقەتلىك خوجايىن خادىملارغا مېھىر بېرەلەيدۇ، خېرىدارلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە تېخىمۇ مېھىر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدۇ. مېھىر - مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنى يوق، مېھىر - مۇھەببەتكە ئېرىشكەن خادىملار بۇ مېھرى - مۇھەببەتنى خىرىدرلارغا يەتكۈزەلەيدۇ، مېھرى - مۇھەببەتكە ئېرىشكەن خېرىدارلارلا كارخانىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئالەمدە تەڭدىشى يوق كارخانىغا ئايلاندۇرىدۇ!
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى