قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نوقتىلىرى مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2017-09-08 15:45:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نوقتىلىرى مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەر ئومۇمىي سانى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستىمال ئومۇمىي سوممىسىدا يەنە بىر قېتىم يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
9- ئايدا تۇرپاندا مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان بولۇپ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ كەتكەن ئىدى. تۇرپان ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى ئالدىدىكى مەيداندا، يىپەك يولى مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كەلگەن 130دىن كۆپرەك سىنگاپۇرلۇق ساياھەتچى مېھماندوس ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ مەشرەپكە چۈشتى. لىن يۇخۇا ئىسىملىك ساياھەتچى مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتىنى، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇلى، مۇزىكىلىرى، كۈز پەسلىدىكى مىۋىلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. بۇ قېتىم شىنجاڭنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بىر قانچە دوستۇمنى باشلاپ كەلدىم. يەنە ئىككى نەۋرەمنىمۇ ئېلىپ كەلدىم، ئۇلارنىڭمۇ نەزەر دائىرىسى ئېچىلسۇن.
دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ساياھەتچىلەر سانى سىجىل ئېشىپ باردى. ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىن 6 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئومۇمىي ئىستىمال سوممىسى 8 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مەدەنىيەت مەزمۇنى مول، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر يۈرۈش ساياھەت، بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى. بەزى مەنزىرە رايونلىرى يەنە كىرىش بىلىتىدە ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قۇيۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. تۇرپان تۇڭيى ساياھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى تاجىگۈل ئوسمان مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئۆمەكتە ئادەم نىسبەتەن كۆپ، پارچە ساياھەتچىلەرمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بىز ئالدىنقى مەزگىلدە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدۇق، يەنى بىرنى ئالسا بىرنى قوشۇپ بېرىش، ئىككىنى ئالسا 4نى قوشۇپ بېرىش دېگەندەك. تېز پويىزغا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا بارغان ساياھەتچىلەر تېز پويىز بىلىتى بىلەن ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ كىرىش بىلىتىدە %50 لىك ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بۇلدى، بۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بىز 5 قېتىملىق پويىزدا 5 مىڭدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق.
سالامەتلىكنى ئاسراش، كۈتۈنۈش ساياھەتچىلىكى، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكى، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ساياھەتچىلىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، شەخسىي ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى. قاراماي شەھىرى ئۆتكۈزگەن مايتاغ- كۇچا يۇلىدا شەخسىي ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتىدە 5 مىڭدىن كۆپرەك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى. تۇلۇقسىز ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، بەش كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە شەخسىي ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغانلار ئالدىنقى يىلدىكىدىن %30 كە يېقىن ئاشقان. ھاۋانىڭ تەدرىجىي سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، باغراش كۆلى شۇنداقلا كۇچا تەڭرىتاغ سىرلىق چوڭ جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا ساياھەتكە باردى. شەنشىدىن كەلگەن ساياھەتچى گۇ ئەپەندى ئىلگىرى شىنجاڭدا ئەسكەر بولغان. بۇ قېتىم ئۇ ئاغىنىلىرى بىلەن شەخسىي ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاقسۇغا ئوينىغىلى كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەر بەك چىرايلىق ئىكەن، بەك كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلدۇق.
 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش ئا دەرىجىلىك 12 مەنزىرە رايونى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كىرىش بىلىتى باھاسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بايرام مەزگىلىدە باھانى ئۆستۈرمەسلىك، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى. دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ، ھەر قايسى چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتنىڭ قىزىق دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئېشىپ كەتتى. مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى قاناس مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 48 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ يەنە بىر قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 14 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى؛ مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 12 مىڭ 700 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى؛ سەنشىدىن كەلگەن ساياھەتچى دېڭ نەن بۇغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ كۆك ئاسمان ئاق بۇلۇت مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن، ھاۋاسىمۇ ناھايىتى ساپ ئىكەن. بۇ تەبىئىي ئوكسىگىن ماكانىدا، مەن قايتا- قايتا قانغۇچە چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. دوستلارنىڭ شىنجاڭغا داۋاملىق ساياھەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى