قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاچچىقنىڭ قۇلى بولۇپ قالماڭ

2017-09-06 19:16:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
تۇرمۇشتا باشقىلاردىن ئورۇنسىز تىل ئىشتىدىغان،قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ،قىسمەن كىشىلەر مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ،تەمكىنلىك بىلەن كەيپىياتىنى تەڭشىۋالالىسىمۇ ،يەنە بەزىلىرى ئازاپلىنىپ نەچچە كۈنگىچە بىئارام بولۇپ يۈرۈيدۇ،بۇ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئارقىلىق ئۆزىنى جازالاشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
باشقىلارنىڭ ئورۇنسىز زەربىسى، تىل -ئاھانىتى ئەلۋەتتە ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۈچۈن ئۆزىنى بىھۇددە ئەيىپلەش، بىھۇددە ئازاپلاش ئۆزىگە زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. بۇ ماھىيەتتە باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئارقىلىق ئۆزىنى جازالاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھايات شۇنداق بىر سەھنە، ئۇنىڭ خوشاللىق تەرەپلىرىمۇ، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان  تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ،باشقىلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا، كەيپىياتىمىزنى تەڭشەشكە ماھىر بولالىساقلا، شۇ مىنۇتلارنىڭ ئۆزىدە ئۆزىمىزنى تەمكىن تۇتۇشقا دېققەت قىلالىساقلا زىددىيەتنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنالايمىز.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى