قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كاج بولماڭ

2017-09-06 19:16:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئەخمەقلەر تەرسا كېلىدۇ، تەرسا ئادەم ئەخمەق كېلىدۇ. بۇنداقلار ئۆزىنىڭ قارىشى قانچە خاتا بولغانسېرى شۇنچە كاجلىق قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، سىزنىڭ راستىنلا توغرا بولغان تەقدىردىمۇ ئاز تولا يول قويسىڭىز يامىنى بولمايدۇ، چۈنكى كىشىلەر ئاخىرقى ھېساپتا يەنىلا سىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، شۇنداقلا كەڭ قورساقلىقىڭىزنى تەرىپلىشىدۇ. كاجلىق سىزگە زىيان كەلتۈرىدۇ. بەزىلەرنىڭ كاللىسى قاتمال بولۇپ، كاجلىقتا قۇتۇلدۇرۋالغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋېلىپ باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرگە باشقىلار كاج دىگەن لەقەملەرنى ئىنئام قىلىدۇ. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشتا كاجلىقتىن ئىبارەت بۇ خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدىن يىراق تۇرۇڭ، كەڭ قورساق، چىقىشقاق مىجەز-خارەكتېرنى يېتىلدۈرىمەن دېسىڭىز چوقۇم يېتىلدۈرەلەيسىز.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى