قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن بالىلار ئەلا سۈپەتلىك قوش تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولدى

2017-09-07 19:44:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ بالا سۈپەتلىك قوش تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسى قىزىلگۈل كەنتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان قوش تىل يەسلىسىدە دەرس باشلاندى. يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ يەسلىگە كۆپ ۋاستىلىق دەرسخانا، داۋالاش بۆلۈمى، كۆپ ئىقتىدارلىق ئاشخانا قاتارلىقلار سەپلەنگەن بولۇپ، ئوقۇش باشلانغان كۈنى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 500 گە يېتىپ، كەنت بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يەسلىگە تولۇق كىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىلا يەسلىگە كىرگەنلىكىدىن خوش بولدى. كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل ياسىن مۇنداق دېدى:- يېڭى قۇرۇلغان يەسلى بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى يېقىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەسلىنىڭ شارائىتى ياخشى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ بالىلارغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇنىڭدىن مەن بەك خوش بولدۇم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق ياخشى سىياسەتلىرىگە كۆپ رەھمەت.
«يەسلىنىڭ شارائىتىنى ياخشى قىلىش، بىرمۇ بالا چۈشۈپ قالماسلىق» تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز جايلاردىكى يېزا- كەنتلەردە سۈپەتلىك، مۇھىتى ياخشى، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان قوش تىل يەسلىسىدىن 4 مىڭ 408  نى يېڭىدىن قۇردى ۋە ئۆزگەرتىپ يېڭىلىدى ھەمدە 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇپ پۈتتۈرۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى يەسلى يېشىغا توشقان بىر مىليون 128 مىڭ 900 بالىنىڭ مەھەللىسىدىلا سۈپەتلىك قوش تىل يەسلىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش، مائارىپقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلىدى. قەدىرىيە ئابلىز 2016- يىلى شىئەن قاتناش ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، يازمىچە ئىمتىھان شۇنداقلا 3 ئايلىق پراكتىكىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى قىزىلئېرىق كەنتىدىكى يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە قەدىرىيە ئابلىز نۇرغۇن تەسىرلىك ۋە قىزىقارلىق ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرىنى تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى. 
بۇ يىل كۈز پەسلىدە يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە باشلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى يېزىلاردا ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، شەھەر- بازارلاردا ئىككى يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپى سىياسىتىنى يولغا قويدى. دېمەك، يېزىلاردا 15 يىللىق، شەھەر -بازاردا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويدى ھەمدە 2018- يىلى كۈز پەسلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 70 مىڭدىن كۆپرەك بالا يەنە ھەقسىز تەربىيەلەش، ھەقسىز ئوقۇشلۇق خىراجىتى ۋە تاماق ياردەم پۇلى، ئىسسىنىش ھەققى قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىستاتېستىكىغا قارىغاندا، سىياسەت ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن بىر ئوقۇغۇچى باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە 35 مىڭ يۈەندىن 47 مىڭ يۈەنگىچە مائارىپ خىراجىتىنى تىجەپ قالالايدىكەن.  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جيەن مۇنداق دېدى:- 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ بىزنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ۋە باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يەنى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خەلق مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەقىقىي لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىشەنچىلىك ئىز باسارلاردىن بولۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ بالا سۈپەتلىك قوش تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شياڭ ياڭ مۇنداق دېدى:- بىز بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. مەسىلەن: 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشلانغۇچنىڭ 1- يىللىقىدا، تولۇقسىزنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك دۆلەت تىلى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشنى يولغا قويدۇق. خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، دەرس سائىتىنى كۆپەيتىپ، بىرمۇ بالىنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ دۆلەت تىلى مائارىپىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئاپتونوم رايون سۈپەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، 4 دەرىجىلىك سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇمىيۈزلۈك باھالاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى