قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يى سەيخۇا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭدا قېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، خوتۇن- بالىلىرى بىلەن چېگرا رايوندا ماكانلاشتى

2017-09-10 20:29:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
خۇبېيدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكەن كەلگەن ئوقۇتقۇچى يى سەيخۇا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭدا قېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، خوتۇن- بالىلىرى بىلەن چېگرا رايوندا ماكانلاشتى.
ئەتىگەنلىك 1- سائەتلىك ئەدەبىيات دەرسىدە، يى سەيخۇا ئوقۇغۇچىلارغا لياڭ چىچاۋنىڭ «كەسپنى قەدىرلەش ۋە كەسپتىن خۇشاللىق تېپىش» ناملىق ئەسىرىنى چۈشەندۈردى. بىڭتۇەن 5- شى 88- تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز 3- يىللىقىدا پەقەت بىر سىنىپ، 30 نەچچە ئوقۇغۇچىلا بار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆگىنىشنى كۆڭۈللۈك ئىشقا ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش يى سەيخۇانىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كەلگەن نىشانى ئىدى. دىلبەر ئىسىملىك ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: ــــ يى مۇئەللىم تولىمۇ مۇلايىم، يېقىملىق ھەم يۇمۇرىستىك ئادەم. ئۇ ماڭا ئۆگىنىش جەھەتتە نۇرغۇن مەدەت بەردى. شۇڭا مەن ئەدەبىيات دەرسىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىشكە تىرىشىمەن ھەم ئەلا نەتىجەم بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىمەن.
2012- يىلى 3- ئايدا، خۇبېي ئۆلكىسى چيەنجياڭ شەھىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بولغان 41 ياشلىق يى سەيخۇا گۈزەل يۇرتىدىن ئايرىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلدى. يېرىم يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاياغلاشقاندا، مەكتەپ مۇدىرى جاڭ جياباۋ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، يى مۇئەللىمنىڭ مەكتەپتە يەنە 3 يىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. جاڭ جياباۋ مۇنداق دېدى: ـــــ يى مۇئەللىمدەك تەجرىبىلىك ھەم ئوقۇتۇش سەۋىيەسى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىنى مەكتەپتە داۋاملىق ئېلىپ قېلىشنى ئويلىدىم. بالىلار، ئاتا- ئانىلار، شۇنداقلا مەكتىپىمىز ئۇنىڭغا موھتاج.
شۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، يى سەيخۇا ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، دائىم ئوچۇق دەرس ئۆتتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇردى ھەم ياش ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى تۇەن مەيدانىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگەتتى. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا، 88- تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىدىكى ئەدەبىيات نەتىجىسى بىڭتۇەن 5- شىسى بويىچە 2- ئورۇنغا ئۆتتى. بالىلارغا بارغانسېرى مېھرى چۈشۈپ قالغان يى سەيخۇادا 88- تۇەندە ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلىش ئويى پەيدا بولدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن رەسمىي ئىلتىماس سۇندى ھەم 2015- يىلى 9- ئايدا، ئائىلىسىكىدىلەرنى ئېلىپ 88- تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە رەسمىي يۆتكىلىپ، بىڭتۇەننىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى. يى سەيخۇا مۇنداق دېدى: ـــــ ۋەتەننىڭ چېگراسىدا ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش. بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ، بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىمەن.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى