قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتلىك 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

2017-09-11 18:55:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز 9-ئايدا پۈتكۈل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە، مەملىكەتلىك 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇلازىمەت ئوبېيېكتى 2017-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلگىرىكى قارارلاردا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە - شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بارلىرىغا كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارلىرى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ تەربىيەلىنىش ئارزۇسى بارلىرى كەسپىي تەربىيەلەشكە تەشكىللىنىپ، ماھارىتىنى باھالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ پراكتىكا قىلىش ئارزۇسى بارلىرى ئىش ئورنىدا پراكتىكا قىلىشقا تەشكىللىنىپ، تەجرىبە توپلاپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىلىدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىققا يولۇققانلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياكى ئىگىلىك تىكلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى