قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئارشاڭ ناھىيەسى بۆگدۆر بازىرى سەنشيا يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 71 ياشلىق چىن ئەنپىڭنىڭ ئوخشىمىغان 3 مىللەتتىن «يېقىن تۇغقىنى» بار

2017-09-11 18:32:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئارشاڭ ناھىيەسى بۆگدۆر بازىرى سەنشيا يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 71 ياشلىق چىن ئەنپىڭنىڭ ئوخشىمىغان 3 مىللەتتىن «يېقىن تۇغقىنى» بار. ئۇلار ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، قوشنىلار ئارا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قويۇق مېھرى - مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.
 ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىدە، ئارشاڭ ناھىيەسى بۆگدۆر بازىرى سەنشيا يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى چىن ئەنپىڭنىڭ ئۆيى باشقىچە قىزىپ كەتتى. چىن ئەنپىڭ ئۇيغۇر قوشنىسى رەيھانگۈل توختى، قازاق قوشنىسى بازارگۈل ۋە خۇيزۇ قوشنىسى ما ۋېنپىڭنى بالىلىرى يىراقتىن ئېلىپ كەلگەن يېڭى مېۋىلەرگە ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۆيدە كۈلكە - چاقچاق سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى. ما ۋېنپىڭ مۇنداق دېدى: ـــــ يازدا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، چىن ئانا ئۆيىمىزدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىپ بېرىدۇ. چىن ئانىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئۇنى ئۆز ئانامدەك كۆرىمەن، ئۇمۇ مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرىدۇ. چىن ئانىنىڭ تۈرتكىسىدە، قوشنىلار ئارا مۇناسىۋىتىمىز بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق.
 كونىلاردا: «يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېگەن گەپ بار. چىن ئەنپىڭنىڭ بالىلىرى باشقا يۇرتتا خىزمەت قىلاتتى. ئۇيغۇر تىلى ۋە قازاق تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان چىن ئەنپىڭ بولسا، قوشنىلىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتەتتى. كىمنىڭ ئۆيىدە بىرەر ئىش بولسا، ئۇ تۇنجى بولۇپ بېرىپ ياردەم قىلاتتى. رەيھانگۈل توختى مۇنداق دېدى: ــــــ بىر قېتىم يەر ئاستى ئۆيىمىزنى سۇ بېسىپ كەتكەندە، چىن ئانا دەرھال تېلېفون بېرىپ رېمونتچى چاقىرىپ بەردى. يامغۇر ياغقاندا ئۆيدە بولماي قالساق، ئۇ سىرتقا يېيىپ قويغان كىيىم - كېچەك، يوتقان - كۆرپىلىرىمىزنى ئەكىرىپ قويىدۇ. قانداقلا قىيىنچىلىقىمىز بولسا چىن ئانىنى ئىزدەيمىز.
2016-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى باشلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «قوشماقلىشى تۇغقان بولۇش» دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. كىشىلەر چىن ئەنپىڭ بىلەن بۇ 3 قوشنىسىغا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش تەكلىپى بېرىۋېدى، ئۇلار دەرھال ماقۇل بولۇشتى. چىن ئەنپىڭ مۇنداق دېدى: ـــــ ئارشاڭ ناھىيەسىدە 50 نەچچە يىل ياشاپ، ئوخشىمىغان مىللەتتىن نۇرغۇن تۇغقان ۋە دوست تۇتۇۋالدىم. ئۇلار ماڭا ئائىلەمدىكىلەردەكلا كۆيۈنىدۇ، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارغا كۆيۈنۈشۈم كېرەك. ئەتراپىمدا ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان شۇنچە كۆپ «تۇغقىنىم» بار، تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە بەختلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى