قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئارشاڭ ناھىيە تاشيۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پۇجالاڭ 28 يىلدىن بۇيان، يېزىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئىزچىل ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ ئىشلەپ كەلدى

2017-09-13 19:21:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئارشاڭ ناھىيە تاشيۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پۇجالاڭ 28 يىلدىن بۇيان، يېزىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئىزچىل ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ ئىشلەپ كەلدى. ئۇ «مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەربىيەسى» نى دەستۇر قىلىپ، مېھرى- مۇھەببەتكە تولغان ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
چۈشتىن بۇرۇن، تاشيۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىق سىنپىدا پۇجالاڭ مۇئەللىم بالىلارغا خەنزۇچە ئۆگىتىۋاتقان ئىدى.
بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇجالاڭ «نۇرلۇق دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بالىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.
پۇجالاڭ مۇنداق دېدى:- سىنىپنى بالىلارغا بېرىپ، بالىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. مەن يۇلتۇز، ئاي ۋە قۇياشتىن ئىبارەت باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالىلارنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدىم. بەش يۇلتۇز بولغاندا بالىلارغا ئاي بەلگىسى چاپلىدىم. بەش ئاي بەلگىسى چاپلانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ قۇياشنىڭ بەلگىسىنى چاپلىدىم ھەمدە بالىلارنى قاراتمىلىق بولغان ھالدا مۇكاپاتلىدىم.
بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن بالا ئاتا- ئانىسى بىلەن بىرلىكتە يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كۆچۈپ كېتىشتى. بەزى ئوقۇتقۇچىلارمۇ يېزىلاردىكى مەكتەپلەردىن ئايرىلدى. ئەمما، پۇجالاڭ يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئۆزىگە بەك ئېھتىجالىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىزچىل بۇ يەردىن ئايرىلمىدى.
ئەنقەرجان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى خەنزۇچە خەتنى ئۇنچە ياخشى يازالمايتتى. پۇجالاڭنىڭ ۋاقتى چىقسىلا ئۇنى ئايرىم يېتەكلىدى. ئەنقەرجان مۇنداق دېدى:- مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھازىر خەنزۇچىنى خېلى ياخشى ئۆگەندىم، يېزىقچىلىق سەۋىيەرىم ئاشتى. كەلگۈسىدە تەرجىمان بولىمەن. پۇجالاڭ مۇئەللىم سىنىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بەك كۆيۈنىدۇ، بىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمىز.
پۇجالاڭ ئوقۇتۇشتا ئادەتتە «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» تە چىڭ تۇرۇپ، ئېقىم مەسىلىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى سىنىپ، ئەترەت يىغىندىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، قانۇن ئىدارە قىلىش، بىخەتەرلىك، مىننەتدارلىق بولۇش تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ بالىلارغا كۆيۈنۈش، ئەمگەكنى سۆيۈش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:- ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، خىزمىتىمىزنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى