قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋاسكېتبول سەھنىسىدە چاقناشقا باشلىغان ئابدۇسالام

2017-09-13 19:49:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەنىۋەر ئېزىز

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 58 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى يارىتىپ، بىراقلا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، بۇ شىنجاڭنىڭ ۋاسكېتبول ئەمەلىي كۈچى زورلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گەرچە ماھىرلىرىمىز تۇنجى قېتىم تاللاش مۇسابىقىسىدىن ئۈزۈپ چىققان بولسىمۇ، ھەل قىلغۇچ باسقۇچقىچە قەدىمىنى توختاتماي، ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى «شىنجاڭ كوماندىسى چەتئەللىك ماھىرلارغا تايىنىپ جان باقىدۇ» دېگەن ئۆسەكلەرگە بىر يولىلا جاۋاب قايتۇرۇپ، شىنجاڭدا شارائىتلا بولسا تالانتلىق ۋاسكېتبول چولپانلىرىنىڭ كۆپلەپ يېتىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.
شىنجاڭ كوماندىسى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش ئۆتكۈلىدىن ھازىرغىچە ئۆتۈپ باقمىغان ئىدى. گەرچە شىنجاڭدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ۋاسكېتبول چولپانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئالدى - كەينى بولۇپ بىر دەۋرگە مەنسۇپ بولمىغاچقا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبولچىلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىلمىغانىدى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي «ئۇچار يولۋاس» ۋاسكېتبول كۇلۇبى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىن يېتىشىپ چىقىدىغان ۋاسكېتبول ئەزىمەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى، مەردان، مەۋلان، شىرئەلىجان، قىرانبېك، ۋاڭ زىرۇن، يۈ چاڭدۇڭ، ئابدۇسالام قاتارلىق ماھىرلار بۇ سۆزىمىزگە پاكىت بولالايدىغان شىنجاڭلىق ۋاسكېتبولچىلاردۇر.
بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دەسلىپىدە شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى دېگەندەك ياخشى بولماي قالغانىدى، بىراق ئۇلار شاللاش باسقۇچىغا كىرگەندىن باشلاپ جانلىنىپ، ئۇدۇل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىچە بۆسۈپ كىردى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى ئۇدا ئىككى نۆۋەت چېمپىيون بولغان گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئىدى، ئەمما كۈچلۈك رەقىب ئالدىدا شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلار قىلچىمۇ بوشاشماي ئىلگىرىلەپ، ئون نومۇر كەينىدە قالغان ھالەتتىن بىراقلا غەلىبە قىلىشقا يۈزلەندى. بۇ مۇسابىقىدە ھەممىدىن بەك كىشىنى ھاياجانغا سالغان تەنھەرىكەتچى ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت بولدى، ئۇ مەيلى يىراقتىن، مەيلى يېقىندىن بولسۇن، ئارقا - ئارقىدىن توپ ئېتىپ، كەينى - كەينىدىن نومۇر ئېلىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
بويى ئىككى مېتىر كېلىدىغان ئابدۇسالام ئابدۇرېشىد 1996- يىلى ئالتايدا تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ۋاسكېتبول سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان، 2014- يىلى دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇپ، 2015- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ گۇاڭخۇي «ئۇچار يولۋاس» كوماندىسىنىڭ 1- سېپىگە يۈزلەنگەن. يېقىندا ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان ماھىرلىق سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. بۇ قېتىم ئۇ تېخىمۇ ئېتىراپقا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان يېڭى يۇلتۇز ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپلا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى دائىم 2- بولۇپ كېلىۋاتقان، يەنى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆت نۆۋەت، مەملىكەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئالتە نۆۋەت 2- بولۇپ، بىرەر قېتىممۇ چېمپىيون بولالمىغان لياۋنىڭ كوماندىسى ئىدى، بۇ مۇسابىقىدە ئۇلارنىڭ چېمپىيون بولغانلىقىنىمۇ بىر ھېسابتا مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ، مۇھىمى شىنجاڭ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ـــ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بەردى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاسىيا ۋاسكېتبول كۇلۇبلىرى چېمپىيونلۇقىنى، مەملىكەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، يەنە بۇ كۈمۈش مېدالنىمۇ قولغا كەلتۈرگەنلىكى دەل ئابدۇسالامغا ئوخشاش ياش ماھىرلار ئايىغىنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى