قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلئارا سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 22.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى

2017-09-13 18:41:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

تېتىما كۆلى چوڭ كۆۋرۈكى گولمۇد- كورلا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدىكى تۈگۈن قۇرۇلۇش، 2014- يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24.5 كىلومېتىر، شىنجاڭدىكى ھازىرقى ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈر لىملىق كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ، 8- ئايغىچە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملاندى.
    سۈرەتتە: ياسىلىۋاتقان تېتىما كۆلى چوڭ كۆۋرۈكى (9- ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان). (ۋاڭ يۇڭچياڭ فوتوسى)
  مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلئارا سېلىنما مۇھىتى، سىياسەت مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلئارا سېلىنمىسى 196 مىليارد 96 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 22.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.
  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پائال ئىزدىنىپ، سىياسەت كاپالىتى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، مەمۇرىي تەستىقنى ئىخچاملاش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئەلئارا سېلىنما بازار ئىجازىتىنى بوشىتىش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللانغان.
  ئاپتونوم رايون ئەلئارا سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن «ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ساھەسىگە ئىجازەت بېرىش كەسىپ تىزىملىكى»نى تۈزۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ قانۇن- نىزامدا ئېنىق چەكلەنمىگەن كەسىپ ۋە ساھەلەرگە كىرىشىگە مەدەت بەردى ۋە ئۇلارنى يېتەكلىدى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن «بوسۇغا»لارنى ئېلىپ تاشلاپ، ئادىل رىقابەتلىشىش، بازارغا باراۋەر كىرىش مۇھىتى ياراتتى؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توك مەسىلىسىدە ئېلېكتىر تورىنى، توك باھاسىنى ئوخشاش قىلىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى؛ «يېزىلاردىكى 1- ، 2- ، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، بىر تۈركۈم كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ سېلىنما ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سېلىنما، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇندەرىجىسى (2017- يىللىق نۇسخىسى)نى تۈزىتىپ ئېلان قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ تارايتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىپ، كارخانىلارنىڭ سېلىنمىدا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلار ۋە جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇش دوكلاتىنى تەستىقلاش تۈرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى، ئىخچاملانغان، بىرلەشتۈرۈلگەن تۈرلەر تەستىقلانغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەستىقلاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ سېلىنما ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
  ئاپتونوم رايون كارخانا، ئىش بېجىرگۈچى ئورۇنلارغا تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن سېلىنما تۈرىنى توردا تەستىقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، توردا قوبۇل قىلىش، بېجىرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتەك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئارقىلىق تەستىقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇچۇرنى كۆپرەك يۈرۈشتۈردى، ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ يولىنى قىسقارتتى؛ سېلىنما مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قىسمەن يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىنىڭ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئىخچاملىدى. تۆمۈريول، تاشيول بويلىرى ۋە ئايرودۇرۇم ئەتراپىدا يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزدى؛ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدە ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ كاپىتال ھەمكارلىقى (PPP) توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم دۆلەت ھوقۇق بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، PPP نەزەرىيە سىياسىتى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلاتى بويىچە ئىككى قېتىم تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 2800 ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلىدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى