ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بەشنى تونۇش» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن

2017-09-13 18:46:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئېلىجان ئانايەت

 
 «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭىپ كىرىشى، قۇترىتىشى ۋە قايمۇقتۇرۇشى ئارقىسىدا، بىر قىسىم غايە- ئېتىقادىنى يوقاتقان ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۇلارنىڭ قولچۇماقچىسى بولۇپ قالدى؛ «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسى بولمىغان بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ چاپارمىنى، قۇربانىغا ئايلاندى؛ «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسى بولمىغان بەزى ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھېسداشلىق قىلغۇچىسى، قوللىغۇچىسى ۋە ئىشتىراكچىسى بولۇپ قالدى؛ «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسى مۇستەھكەم بولمىغان بەزى ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما «ئۈچ خىل كۈچ» ئالدىدا پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولغان سۈكۈت قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇماسلىق «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ماھىيىتى، ئۇلار بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تونۇيدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچۇماقچىسى، ئۇلار يوقىتىلمىسا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ.
  جۇڭخۇا مىللىتى 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالىي مەنپەئىتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ جان تومۇرى. «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئەڭ قورقىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشنىمۇ ئەڭ كۆپ ئويلايدۇ، بىز «بەشنى تونۇش» ئارقىلىق بۇ جان تومۇرنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. «بەشنى تونۇش» دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگونىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەشنىڭ مەنبەسى. ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «بەشنى تونۇش»نىڭ بايراقدارى ۋە ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال قىلىپ، ئۇيغۇر ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۈزلۈكسىز دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى، كۈرەشتە تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىقى كېرەك.
  ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان يۈكسەك تونۇش ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسى، كۈرەش قورالى. جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى 56 مىللەت ئورتاق بەرپا قىلغان، ئۇلار باشتىن- ئاخىر مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىماقتا. ۋەتەننىڭ بىرلىكى دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش ئالدى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكتە ئىپادىلىنىدۇ، بىز ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ۋە ئامما يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن «مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، مەن ۋەتىنىمنى قىزغىن سۆيىمەن» دېگەن سادانى ياڭرىتىشىمىز؛ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ شەمشىرىنى قىنىدىن سۇغىرىشىمىز؛ ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى ئارقىلىق ئىدىيەۋى بازىنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، «پانتۈركىزم»، «پانئىسلامىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىشىمىز؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ئۆزىمىزنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە بايرىقىمىز روشەن ھالدا دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ۋەتەننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بۆلگۈنچىلىك خام خىيالىنى ئۈزۈل- كېسىل بەربات قىلىشىمىز كېرەك.
  جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان يۈكسەك تونۇش ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسى، كۈرەش قورالى. ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. 56 مىللەتنىڭ تارىخى چىش بىلەن كالپۇكتەك بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، بار- يوقنى تەڭ كۆرىدىغان تارىخ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەيدىغان ئىدىيە ھەر مىللەت خەلقنى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرماقتا. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلاشتىكى مەقسىتى تونۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، رېئاللىقنى ئىنكار قىلىش، ئىنكارچىلىققا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىتنى بۇرمىلاشقا قەتئىي بولمايدۇ! بىز ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزدەك مۇشۇنداق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىزكېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا، ئاندىن جەمئىيەت مۇقىم، ئىناق بولىدۇ، دۆلەت ئەبەدىي ئەمىن بولىدۇ، باش نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.
  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان يۈكسەك تونۇش ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسى، كۈرەش قورالى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى 56 مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇغلانمىسى. دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق، مەدەنىيەت بىر گەۋدىلەشكەن، كۆپ مەنبەلىك دۆلەت، بۇ، مەدەنىيەت تونۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى بەلگىلىگەن. مەدەنىيەتنى تونۇش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تونۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ ئاساسى، ئورتاق مەدەنىيەت تونۇشى بولمىسا، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلۇغ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇشتا ئالدى بىلەن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۇيغۇر ئاممىسى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىشلىتىشىگە كۈچىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى تىل پاسىل تېمى ھاسىل قىلىپ، مەدەنىيەتنى تونۇش يىلتىزىنى ئۈزۈۋېتىش. ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئاساس، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، «قوش تىل» مائارىپىنى يولغا قويۇشنى قەتئىي ھىمايە قىلىشىمىز ۋە قوللىشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى تونۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.
  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان يۈكسەك تونۇش ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسى، كۈرەش قورالى. ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تونۇشى سىياسىي تونۇش، ئۇنىڭ يادروسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىش، قانۇننىڭ نوپۇزى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەردە كەڭ تونۇش ھاسىل قىلىش. غايە- ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى «كالتسىي»سىى، غايە- ئېتىقاد بولمىسا، غايە- ئېتىقاد مۇستەھكەم بولمىسا، مەنىۋى جەھەتتە «كالتسىي كەملىك» ۋە «كۆمۈرچەك كېسىلى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا «كۆمۈرچەك كېسىلى»گە گىرىپتار بولغانلار قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، دېگەننى ئويلايدۇ، بۇ ئۇيغۇر ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان تونۇشىنى ۋە پارتىيەمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئەڭ ئاسان تەۋرىتەلەيدۇ. ماركسىزملىق ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد − كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي روھى، شۇنداقلا ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشىدىكى مەنىۋى تىرىكى. ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما كوممۇنىستلارنىڭ ئېتىقادىنى تونۇغاندىلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان يۈكسەك تونۇشىنى كۈچەيتەلەيدۇ. غايە- ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋىي «كالتسىي»سىى بولۇپ، كەم بولسا بولمايدۇ؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان يۈكسەك تونۇش كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ سىياسىي تۆۋەن چېكى بولۇپ، بۇنىڭدىن قەتئىي تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.
  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يۈكسەك تونۇش ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسى، كۈرەش قورالى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىش بويىچە غەلىبىلىك ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان تونۇش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىدىكى بەخت يولى، شۇڭا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىنى كۆرۈشنى خالىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇشىغا ھە دەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تۇيۇق يولغا باشلاش قەستىدە بولدى. ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، كادىرلار ۋە ئاممىغا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تەرغىب قىلىۋاتقان بۆلگۈنچىلىك يولى، ئەسەبىيلىك يولى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق يولىنىڭ ئار- نومۇس يولى، جىنايەت يولى ۋە ئۆلۈم يولى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يۈكسەك تونۇشىمىز ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى تەلتۆكۈس تارمار قىلىشىمىز كېرەك.
  «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە ئەزەلدىن پەرۋا قىلمىغان ھەم مەڭگۈ پەرۋا قىلمايدۇ. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئالدى بىلەن مۇنداق بىر ھەقىقەتكە ئىشىنىشىمىز كېرەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ۋەتەن ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، ئەزەلدىن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ، بار- يوقنى تەڭ كۆرۈپ كەلگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى بۇنى ئىسپاتلىغان. ئۇيغۇرلار پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىغا موھتاج، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ كۈچىلا ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ. مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش − ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ۋە ئاممىدا بولۇشقا تېگىشلىك مۇستەھكەم ئېتىقاد. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باي- باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە بولغان ياخشى تىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز قەتئىي ھالدا «بەشنى تونۇش» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى