قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مورى قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيەسىدىكى يۆلياڭدى كەنتى

2017-09-22 13:41:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مورى قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيەسىدىكى يۆلياڭدى كەنتى ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ، ئۆرۈپ- ئادەت، ئەنئەنىۋىي قول - ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپلىرى، تەبىئىي مەنزىرە بىر گەۋدىلەشكەن كەنت، شۇنداقلا مورىي ناھىيەسىدىكى خەنزۇلارنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يۈز نەچچە يىل ئىلگىرىكى دەھلىزلىك ئۆيلەر ۋە ئۆرۈپ- ئادەتلەر ساقلانغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مورىي قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيەسى يۆلياڭدى كەنتىگە 30 مىليون يۇەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ كەنتنى قوغداش ۋە ئېچىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. شۇنداقلا كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەنزىرە بىلەن كەنتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەنتنى گۈزەل مەنزىرە رايۇنىغا ئايلاندۇردى. ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلوبى ۋە ئۆرۈپ- ئادەت مەدەنىيىتى بايلىقىغا تولۇق تايىنىپ، رىمونت قىلىپ ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنى تۇرالغۇسىنى رىمونت قىلىپ ياخشىلاشقا يېتەكلىدى.
كەنت ئاھالىسى يەن شىياڭبىننىڭ دەھلىزلىك ئۆيىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى كۆك كاھىشلىق، سېغىز توپا تاملىق، ياغاچ قاشلىق ئەسلى ھالىتىنى ساقلىدى، ئۆينىڭ ئىچى زامانغا لايىق بولۇپ، تور، تۇرۇبا سۈيى، ئەۋرەز يولى، ئۆلچەملىك ئاشخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. شەرق- غەرپ يۆنىلىشىدە سېلىنغان، ياغاچ توپا قۇرۇلمىلىق بۇ ئۆينىڭ دەھلىز تۈۋرۈكلىرىدىكى ئەجدىھا- سۇمرۇغ سۆرەتلىك ئالىچىپار نەقىشلەرگە بۇ ئۆينىڭ قەدىمىيلىكى ۋە ئۆزگىرىشلىرى سىڭىپ كەتكەنىدى.
كۆك خىش ياتقۇزۇلغان يول، قەدىمىي پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان دەھلىزلىك ئۆي، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان «يىل ھالقىسى» ھەيكىلى  قاتارلىقلار يېڭىلىق بىلەن قەدىمىي پۇراق بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ گۈزەل يۇرت دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى يېڭى پەللىگە ئايلانغانىدى. يۆلياڭدى كەنتىدە كەنت تارىخى ئۆيى ئېچىلغاندىن بۇيان، بۇ جاي كىشىلەرنىڭ يۇرت مۇھەببىتىنى ئويغىتىدىغان ئەڭ ياخشى جايغا ئايلاندى. كەنت تارىخىي ئۆيىگە كەنت ئاھالىلىرى ئىئانە قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، ئۆرۈپ- ئادەت ئەستىلىكىرى، كىيىم- كېچەك، ئوزۇق- تۈلۈك، تۇرالغۇ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش بويۇملىرى قاتارلىق 400 دىن كۆپ كونا بويۇم قويۇلغانىدى.
يۆليەڭدى كەنتى مەدەنىي بايلىقنى قېزىپ، ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئۆرۈپ- ئادەت پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق غەربىي شىمال مەدەنىيىتىگە ئىگە قەدىمىي كەنت ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇنىڭ ساياھەت داڭقىنى ئاشۇرۇپ،ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ھازىر ھېيت- بايرام كۈنلىرى كەنتتىكى سەھرا ئارامگاھلىرى بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ كەنتنىڭ قەدىمىيلىكىدىن زوقلىنىپ،« غايىۋىي يۇرت» ئۆرۈپ- ئادەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىدۇ.
بۇ يىل 81 ياشقا كىگەن ۋاڭ شۇچىن ئانىنىڭ ئاچچىقسۇ ئېچىتىۋاتقىنىغا 49 يىل بوپتۇ. ۋاڭ شۇچىن ئانا كەتتىكىلەرنىڭ ئاچچقسۇ ئىچىتىش تارىخ ھەققىدە توختۇلۇپ: «ئېسىمنى بىلسەم ئائىلىمىز ئاچچىقسۇ ئېچىتىپ، يۇرتداشلارنى تەمىنلەيدىكەنتۇق. كېيىن بازارنى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاچچىقسۇ ئىگىلەپ، ئۆيىمىزدە ئېچىتقان ئاچچۇقسۇ ئىستىمالدىن قالغانىدى. ھازىر يۆلياڭدى كەنتىدە ئۆيدە ئېچىتقان ئاچچىقسۇ يەنە بازار تېپىشقا باشلىدى» دېدى.
«سەھرا ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارنى بېيىتىپ، ئەنئەنىۋىي كەنتلەرنى داۋاملىق قوغداپ، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنى مەڭگۈ ساقلايمىز» بۇ، مورى قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان نىشان، شۇنداقلا يۆلياڭدى كەنتى ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىۋاتقان كارتىنا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى