قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئادىمىيلىكنىڭ جۇلاسى- قەلب گۈزەللىكى

2017-10-06 15:21:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەنلا باشقىلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. مەيلى تۇرمۇشتا ياكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە بولسۇن، ھەر كىم قەلب گۈزەللىكى ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىنى نامايان قىلىدۇ. قەلب گۈزەللىكى كىشىلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەت، پائالىيەت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، خىزمەت قاتارلىق مەشغۇلاتلىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، قەلبى گۈزەل بولغاندىلا سىرتقى گۈزەللىكنى جۇلالاندۇرغىلى بولىدۇ.
 قەلبى گۈزەل كىشىنىڭ ئىش-ھەرىكىتى گۈزەل قەلب ئارقىلىق نازارەت قىلىنىدىغان بولغاچقا، قەلبى گۈزەل كىشى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، غورۇرلۇق، ساپالىق كېلىدۇ. قەلبى گۈزەل بولغاندىلا، ئىنتىلىش تۇيغۇسى ئېشىپ ۋە كۈچىيىپ، بىلىمگە، يېڭى پەن-تېخنىكىغا، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم يۈكسەلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. قەلبى گۈزەل كىشىنىڭ سۆزىمۇ تەملىك ۋە تاتلىق بولىدۇ.
ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، قەلبى گۈزەل بولمىغان ئادەمنىڭ ھەرىكىتى تەرتىپسىز ھەم تۇترۇقسىز، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۆۋەن، گەپ-سۆزى قوپال، تۇرمۇشى رېتىمسىز بولۇپلا قالماي، بەلكىم ئۆزىمۇ ھورۇن، تۇرمۇشتا چېچىلاڭغۇ كېلىدۇ. باشقىلار ئالدىدىمۇ ئىناۋىتى بولمايدۇ.
دۇنيادا گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان كىشى بولمايدۇ، ئەمما ھەر بىر ئادەمنىڭ گۈزەللىككە تۇتقان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، گۈزەللىكنىڭ كىشىلەر ھەرىكىتىدىكى ئىپادىسى، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك چۈشەنچىسى پەرىقلىنىدۇ. قەلب گۈزەللىكى كىشىلەر قەلبىنىڭ ئەڭ نازۇك قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان ۋە پۈتۈن پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولغاچقا، قەلبى گۈزەللەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ گۈزەل بولۇشى تەبىئىي.
ھەر قانداق ئادەم گۈزەللىكنى ئۆزىگە بولغان تەلەپچانلىقى، جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق يېتىلدۈرىدۇ. گەرچە گۈزەللىكنىڭ يېتىلىشىدە ئاتا-ئانا، جەمئىيەت، مۇھىت تەسىرى بەلگىلىك رول ئوينىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل يەنىلا شۇ كىشىنىڭ تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى، ئادىمىيلىك قارىشى ۋە ئونۋېرسال ساپاسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىچكى ئامىل-قەلبى گۈزەللىكىدۇر 
قەلب گۈزەللىكىنى ھەر بىر ئادەم تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يارىتىشى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشى، ياخشى ۋە ساغلام قەلب گۈزەللىكى ئاساسىدا تىكلنىدىغان پەزىلەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. خۇددى «تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر» دېگەندەك، قەلب گۈزەللىكىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن ئىپادىلىنىشى تەقدىرىمىزنىڭ، پەزىلىتىمىزنىڭ، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنىڭ روشەن ئىپادىسى ھەم ئادىمىيلىكىمىزنىڭ جۇلالىنىشىدۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى