قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاياللار ۋە تىجەشلىك تۇرمۇش

2017-10-15 17:57:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«تۇرمۇشتا تېجەشلىك بولۇپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇش» جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. ئادەتتە تېجەشلىك دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنىشى بىلەن تەڭ دەرھال كۆز ئالدىمىزغا ئاياللار كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئايال ئۆيدىكى يادىرۇلۇق شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن  ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشى باشقۇرۇشى، پەرزەنتلىرىنى  ياخشى تەربىيەلىشى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوقۇش، تۇرمۇش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق مەبلەغ ھازىرلىشى كېرەك. بىر ئائىلىنىڭ ئۇششاق- چۈششەك ئىشلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئاياللارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولغاچقا، كۆپىنچە ئاياللار بىلىپ- بىلمەي تېجەشلىك، ئىقتىسسادچىللىق بىلەن ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان، تېجەشلىك جەمئىيەت قۇرۇش، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تېجەشلىك بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنى ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ «تېجەشلىك بولۇش»مۇ سەل لايىقىدا، ئەقلىيلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا بولغىنى ياخشى. بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن، شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، تېجەشلىك بولۇشمۇ لايىقىدا بولمىسا، بەك چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، ئويلىمىغان سەلبى ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەسىلەن: بەزى ئاياللار توك تېجەيمەن، دەپ چىراقنى ئازراق ۋاقىت ياندۇرماسلىققا توغرا كەلسىلا دەرھال توكنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا كۇنۇپكىنى زىيادە تولا بېسىش سەۋەپلىك چىراق بۇزۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، بۇ توكنى تېجەشتىنمۇ بەكرەك زىيان-دە! يەنە بەزى ئاياللار بالىلىرى تېلىۋىزور كۆرگەندە چىراقنى ياندۇرۇشقا يول قويمايدۇ. گەرچە بۇ ئارقىلىق توكنى مەلۇم دەرىجىدە تېجىگىلى بولسىمۇ، بۇنداق قىلغاندا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ-دە، بالىلار ئاسانلا رەڭ قارغۇسى بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئاياللار تاماق ئەتكەندە توكنى تېجەش ئۈچۈن توكنى ئىمكان قەدەر بۇستارتقۇنى ئاچمايدۇ، نەتىجىدە ئاسانلا يۆتەل، زىققا قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر قىسىم ئاياللار گازنى تېجەيمەن دەپ قىش كۈنلىرى سوغۇق سەل بوشاپ قالسىلا دەرھال گازنى ئېتىۋېتىپ، گازلىق تاممەشنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ، بەزىلەر يەنە كېچىسى ماڭدۇرۇپ كۈندۈزى ئۆچۈرىۋېتىدۇ. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «گازلىق تام مەشنى قايتا- قايتا قوزغىتىش ئۈچۈن ئەسلىدىكىدىن كۆپرەك گاز كېتىدىكەن، يەنە قايتا-قايتا قوزغاتقاندا، گازلىق تام مەشنىڭ ئۆمرىگىمۇ تەسىر يېتىدىكەن.
يەنە بەزى ئاياللار پۇل تېجەش ئۈچۈن نۇرغۇن ماگىزىنلارنى ئارىلاپ، باھاسى چۈشۈرۈلگەن تۇرمۇش بويۇملىرىنى، كۆكتاتلارنى سېترىۋالىدۇ. بىراق، «ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق» دېگەندەك، بۇنداق ۋاقتى ئۆتكەن، ساپ بولمىغان نەرسىلەر سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، ئىشلىتىلمەي تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىپ قالسا تېخىمۇ چوڭ زىيان كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. گىرىم بويۇملىرىنىڭ ئەرزىنىنى سېتىۋالغاندا، ئەرزان گىرىم بويۇملىرى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقتارى نورمالسىز بولۇپ، بۇ تېرىگە زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن.ئاياللار ھەقىقەتەن تېجەشلىك، ئەستايىدىل، ئىنچىكە كېلىدۇ، ئۇلار خىزمەتكە، تۇرمۇشقا، ھىسياتقا ئەزەلدىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگەچكە «ئىقتىساد» تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەسىلىگىمۇ ناھايىتى زىل مۇئامىلە قىلىشى تەبىئىي. بىراق ھايات چەكلىك، بەزى نەرسىلەرنى قايتىدىن ئېلىش، تۇرمۇشنى يېڭىدىن باشاش مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەن ئۆمۈرنى، ياشلىقنى، سالامەتلىكنى يېڭىلىغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئاياللاردىن «تېجەشلىك بولۇش»نىلا ئەمەس، يەنە لايىقىدا ساغلام، سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆگۈنىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى