قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىزىل پۇرچاقنىڭ خانىم-قىزلارغا بولغان پايدىسى

2017-10-26 16:32:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1.قىزىل پۇرچاق ئېغىزغا تېتىشلىق ھەم يۇمشاق بولۇپ، تەبىئىي خۇش پۇراقلىق:
   قارا ئاشلىق كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ ئالدىن تاللىشى. بىراق، كۆپ ساندىكى قارا ئاشلىق تەمسىز كېلىدۇ. ئەمما، قىزىل پۇرچاق تەملىك ھەم يېيىشلىك بولۇپ، يۇمشاق پىشۇرغاندىن كېينىكى خۇش ھىدى ئۇنىڭ قارا ئاشلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. قىزىل پۇرچاق تەبىئىي تاتلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
2.قىزىل پۇرچاق ئىششىقنى قايتۇرىدۇ:
   قىزىل پۇرچاقنىڭ سۇلۇق ئىششىقنى قايتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، قىزىل پۇرچاق مىنېرال ماددا كالىينى ساقلايدىغان «ئامبار»، قىزىل پۇرچاق تەركبىدىكى كالىينىڭ مىقدارى كالىي تەركىبلىك يېمەكلىكلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كالىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدىغان باناندىن سەللا كېيىن تۇرىدۇ، ئەمما باناننىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى يۇقىرى بولۇپ، ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ كۆپ ئىستېمال قىلىشغا ماس كەلمەيدۇ.
3.قىزىل پۇرچاق قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمىنى ئورۇقلىتىشقا ياردەم بېرىدۇ: 
   گەرچە بەدەننىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئورۇقلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان بولساقمۇ، ئەمما يېمەكلىك تالالىرىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولغان قىزىل پۇرچاق ئۈچەي يولىدىكى ئەخلەتلەرنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق، قىزىل پۇرچاقنىڭ مايلارنى ئازايتىش رولى يوق.
4.ياغ تەركىبى تۆۋەن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ كېلىش مەنبەسى:
   قىزىل پۇرچاق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ مۇھىم كېلىش مەنبەسى. قىزىل پۇرچاقتا ئاقسىلنىڭ مىقدارى كۆپ، سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ۋە ياغ مىقداى تۆۋەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى