قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يامغۇرلۇق كىيىمنىڭ كەشىپ قىلىنىش جەريانى

2017-11-01 18:52:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يامغۇرلۇق كىيىمنىڭ كەشپىياتچىسى ماكىنتوش شوتلاندىيەدە ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپلا زاۋۇتتا ئىشلىگەن. ماكىنتوش ئىنتايىن ئەقىللىق ھەم ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولغاچقا پۇرسەت تاپسىلا كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇغان. 1823 - يىلى ئۇ كاۋچۇكتىن پايدىلىنىپ يامغۇرلۇق كىيىم ياسىغان.
1823- يىلى ماكىنتوش ئۆچۈرگۈچ زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىدى. ئىشچىلار جەنۇبىي ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن كاۋچۇكنى قازاندا قاينىتىپ ئېرىتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئاقارتقۇچ سېلىپ ئاقارتىپ، سوۋۇتقاندىن كېيىن پارچە- پارچە قىلىپ كېسىپ ئۆچۈرگۈچ ياساپ چىقاتتى.  بىر كۈنى ماكىنتوش بىر داس ئېرىتىلگەن كاۋچۇك سويۇقلۇقىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن كىيىمىگە تۆكۈۋالدى. ئۇ كىيىمىدىكى سۇيۇقلۇقنى سۈرتۈپ چىقىرالمىدى. ماكىنتوش ئىشتىن چۈشكەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى.
ئۇ ئۆيگە كېلىپ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇۋاتقاندا كىيىمىدىكى كاۋچۇك سۇيۇقلۇقى تۆكۈلگەن يەرنىڭ ھۆل بولمىغانلىقىنى بايقىدى. ئەقىللىق ماكىنتوشنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز كاۋچۇكتىن پايدىلىنىپ يامغۇرلۇق كىيىم ياساپ چىقىش كەلدى. ماكىنتوش يامغۇرلۇق كىيىمنى ياساش ئۈچۈن دەرھال ئىشقا كىرىشتى. ئەمما، كىيىمگە كاۋچۇك سۇيۇقلۇقىنى تەكشى سۈرۈش ئىنتايىن تەس ئىدى. ماكىنتوش ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن بىر ئەپچىل ئۇسۇلنى تېپىپ چىقتى. ئۇ بىر قەۋەت رەختكە كاۋچۇك سۇيۇقلۇقىنى تۆكۈپ ئاندىن يەنە بىر پارچە رەختنى ئۈستىگە ياپتى.
ماكىنتوش كاۋچۇك سۇيۇقلۇقى يېيىتىلغان رەختە ئۆزىگە بىر چاپان تىكىپ چىقتى ۋە يامغۇر ياغقان كۈنى چاپاننى كىيىپ كوچىنى چۆرگىلەپ كېلىپ، ئىچىدىكى كىيىملىرىنىڭ ھۆل بولمىغانلىقىنى كۆردى. ئۇ خۇشاللىقىدىن دەرھال پاتېنت ئىدارىسىغا بېرىپ، پاتېنت ئىلتىماس قىلدى.
ماكىنتوش يامغۇرلۇق كىيىم زاۋۇتى قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ توپلىماقچى بولدى. بىر كاپىتالىست بۇ نەپ تېگىدىغان كەشپىياتقا قىزىقىپ ئۇنىڭ زاۋۇتىغا مەبلەغ سېلىپ بەردى. يامغۇرلۇق كىيىم بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشتى. پەن - تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن خىلمۇخىل ماتېرىيالدىكى يامغۇرلۇق كىيىملەر بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ كىشىلەر ماكىنتوشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى