قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

(مىجەزىم يوق) تىن تۇغۇلغان ئويلار

2017-11-20 12:45:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەتراپىمىزدا «مىجەزىم يوق» دەپ بەزى مۇھىم پائالىيەتلەرگە بارمايدىغان، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماسلىققا باھانە ئىزدەيدىغان كىشىلەريوق ئەمەس. ئۇلارغا قانداقلا چاغدا «نېمىشقا؟» دېگەن سۇئالنى قويسىڭىز، «مىجەزىم يوق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. يېقىندىن بۇيان بۇ سۆزنى كۆپ ئاڭلاپ ئويلاپ قالدىم: «ئۇلارنىڭ راستىنلا مىجەزى يوقمۇ ياكى بۇ ئۆزىنى قاچۇرۇش باھانىسىمۇ؟»
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بەزىلەرنىڭ ھەقىقەتەن مىجەزى يوق  بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزىگە يۈكلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئىشقا بېرىشتىن قېچىش كويىدا «مىجەزىم يوق» دەپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىۋېلىپ، جەڭدىن كېيىن قەھرىمانغا ئايلىنىش پۇرسىتى ئىزدەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
ھالبۇكى، مانا مۇشۇنداق «مىجەزىم يوق» دېگەن باھانە سەۋەبتىن بەزىلەر جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ، ئۆزىنى ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ شېرىن خىيال سۈرىدۇ، بىراق بۇنداق تالاي شېرىن ئارزۇلار دەل «مىجەزىم يوق» دېگەن باھانە سەۋەبىدىن ئۇلاردىن يىراقلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار تىرىشىپ ئۇتۇققا ساھىب بولسا، ئۇلار نامراتلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە قۇل بولۇۋاتىدۇ.
دېمەك، ئىش خۇشياقماي «مىجەزىم يوق» دەپ باشلانغان ھايات باشتا بىزگە ئويۇن-تاماشانىڭ مەززىسىز خوشاللىقىنى ئاتا قىلسا، ئاخىرىدا ھاياتنىڭ مۇشكۇلاتىنى ئاتا قىلىپ، بىزنى پۇشايمان ئازابىغا تاشلايدۇ. ئادەم ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئازابلىق ئاقىۋەت بولمايدۇ، ئەلۋەتتە! شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيلى. بىكارچىلىق يامان ئىللەت ئەلۋەتتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى