قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاقىلىق ئايرودۇرۇمىدا يىل ئىچىدە قاتناش باشلاش مۆلچەرلەندى

2017-11-23 17:06:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

17-نويابىر، خىزمەتچىلەر ئايروپىلاننىڭ توختىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

 ئۆز خەۋىرىمىز: 17-نويابىر سائەت 16:10 ئۆتكەندە، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ «B-9300» تىپلىق بىر ئايروپىلانى كىروران ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش يولىغا قوندى. بۇ چاقىلىق ناھىيەسىدىكى كىروران ئايرودۇرۇمىنىڭ رەسمىي قاتناش باشلاشقا ئازلا قالغانلىقىدىن، چاقىلىق خەلقىنىڭ «كۆك ئاسمان ئارزۇسى»نىڭ پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمى دۆلەتلىك پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئايرودۇرۇم چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي قىسىمىغا توغرا كېلىدىكەن، ناھىيە بازىرى مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدىكەن. چاقىلىق ئايرودۇرۇمى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن،A320、B737、ERJ-190、ERJ-145、CRJ-200 قاتارلىق ھەر خىل تىپتىكى ئايروپىلانلار بۇ ئايرودۇرۇمغا قونالايدىكەن، بۇ ئايرودۇرۇمدىن ئۇچالايدىكەن. 2020-يىلغا بارغاندا بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 120 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە، يىللىق مال توشۇش مىقدارى 480 توننىغا يېتىدىكەن، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1558 ئايروپىلان قونىدىكەن ۋە ئۇچىدىكەن.

  (ۋاڭ يۇڭچياڭ فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى