قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەخت دېگەن نېمە؟»

2017-11-24 19:32:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر كۈنى كەچ دادام ئىشتىن تولىمۇ ھارغىن ھالدا قايتىپ كەلدى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن دادام ئۆزىنىڭ بۈگۈن تولىمۇ چارچاپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن بېشىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. دادامغا قاراپ شۇنداق ئىچىم ئاغرىدى ۋە كىتابتا كۆرۈۋالغىنىم بويىچە دادامنىڭ بېشىنى ئۇۋۇلاپ تۇتۇشقا باشلىدىم. دادام:

ـــ ئەجەپ بەلەن تۇتۇپ قويدىڭىز قىزىم، ـــ دېدى. مەن ئىچىمدە: «دادامغا بەك ھاردۇق يېتىپتۇ، ئۇنىڭ پۇتىنى ئىسىسق سۇ بىلەن يۇيۇپ قويسام ھاردۇقى چىقىپ قالارمۇ» دەپ ئويلىدىم ۋە ئاستا تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ جاۋۇرغا ئىسسىق سۇ تەييارلىدىم ۋە يەنە دادامنىڭ ئالدىغا كەلدىم. دادام ھەيران بولغان ھالدا:

ـــ ۋوي قىزىم، ـــ دەپ قالدى. مەن گەپ قىلماي يەنە دادامنىڭ پۇتىنى يۇيۇشقا باشلىدىم. دادام:

ـــ ھەجەپ راھەتلەندىم، بېشىمنىڭ ئاغرىقىمۇ قويۇپ بەردى، ھاردۇقۇممۇ چىقىپ قالدى، رەھمەت قىزىم، ـــ دېدى مەمنۇن بولۇپ. ياندىكى ئۆيدىكى ئاپام بىزگە مەستلىكى كەلگەن ھالدا:

ـــ دادىسى، قاراڭ قىزىڭىز چوڭ بوپتۇ، ئادەمنىڭ ھالىغا يەتكۈدەك بوپتۇ. مانا بۇ ئائىلىنىڭ بەختى. ئەمما مېنىڭ سىلەرگە سەل ئىچى تارلىقىم كېلىۋاتىدۇ جۇمۇ، ـــ دېدى چاقچاق ئارىلاش.

ـــ دادامنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويغان ئادەم، ئەلۋەتتە ئاپامنىڭكىنىمۇ يۇيۇپ قويىمەن-دە، ـــ ئاپامنىڭ «مەن چارچىمىغان تۇرسام» دەپ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويدۇم. ئاپام- دادام مەندىن خوش بولۇپ پېشانەمگە سۆيۈپ كەتتى ۋە مېنى ماختاپ ماڭا بىر مۇنچە تىلەكلەرنى تىلىدى. مەن قىلغان كىچىككنە ئىشىمنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن سۆيۈنۈپ، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدىم.

كىشىلەرنىڭ بەخىتكە بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدىكەن. چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە، بەزىلەر كۆپ پۇللۇق بولۇشنى بەخت دەپ ھېسابلىسا، بەزىلەر ئىسىل ئۆي، كاتتا ماشىنىسى بولۇشنى بەخت دەيدىكەن. بەزىلەر تەن ساقلىقنى بەخت دېسە، يەنە بەزىلەر ئامان- ئېسەنلىكنى بەخت دەيدىكەن، مەنچە بەختنى كىچىك ئىشلاردىنمۇ ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. بىز بالىلار ئۈچۈن ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى ئەڭ چوڭ بەختكەن. ھەر بىر سەبىي قەلبنىڭ بەختلىك ئائىلىسى بولسۇن، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ۋاپادار، كۆيۈمچان بالىسى بولسۇن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى