قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمى نېمە ئۈچۈن ئاق رەڭدە بولىدۇ؟

2017-12-10 11:41:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھىم قۇرۇلما بولۇپ، بوشلۇقتىكى ۋاكۇئۇم، يۇقىرى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قۇياش رادىياتسىيەسى، مىكرو ئاقار يۇلتۇز قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەر خىل ئالەم نۇرلىرى ۋە ئىسسىقلىق رادىياتسىيەلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا بىۋاستە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، بۇ كىيىملەرنىڭ رەڭگى ئاق بولغاندىلا ئاندىن تۈرلۈك رادىياتسىيەلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە قايتۇرغىلى، قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
بىز ئادەتتە ئاتموسفېرا قاتلىمى قوغداپ تۇرغان يەر يۈزىدە ياشايمىز، ئاتموسفېرا قاتلىمى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تۈرلۈك ئالەم نۇرلىرىنى تولۇق سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا بولسا قۇياشتىن كېلىدىغان ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسى يەر يۈزىدىكىدىن بىر نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداقلا باشقا ئالەم نۇرلىرىمۇ خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا تۈرلۈك رادىياتسىيەلەرنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى توسىيالايدىغان ئالاھىدە ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن ئاق رەڭلىك ئالەم كىيىملىرى ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن، ئالەم بوشلۇقى ناھايىتى سوغۇق بولىدىغان بولغاچقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەسكەي تەرىپى ئالەم بوشلۇقىغا ئىنفىرا قىزىل نۇر رادىياتسىيەسىنى تارقىتىدىغان رادىياتسىيە مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ئاق رەڭلىك ئالەم كىيىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇر رادىياتسىيەسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى