قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىزچاق ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، سىز ئەڭ ياخشىسى بولالايسىز

2017-12-10 12:23:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىزلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم پەزىلەت - ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىگە ئوبېكتىپ باھا بېرىش. ئەلۋەتتە بۇلارنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بۇ بىر يېڭى كۆزقاراشمۇ ئەمەس، ئەمما بەزى قىزلار بۇ پەزىلەتلەرنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئاللىقاچان بىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا يېتەرلىك ھالدا ئېتىبار بېرىپ كېتەلمەيدۇ. ئەكسىچە نۇرغۇن قىزلار دائىم ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، چىراي قىياپىتى، بوي ئىگىزلىكى، بەدەن شەكلى، نەتىجىسى، خىزمەت ئىپادىسى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار سەۋەپلىك باشقىلارغا يېتەلمەيمەن، دەيدىغان ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. ھالبۇكى ئۆزىنى كەمسىتىش كۆپ ھاللاردا بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ، يەنى ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئارتۇقچىلىقلىرىغا سەل قارايدۇ، دائىم ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنىلا ئويلاپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاستا- ئاستا ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ، دەل مۇشۇ نەرسە قىزلار تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق قىزلاردىكى بىر نوقتا، ئۇلار ئۆزىگە بەكلا دىققەت قىلىدۇ، ھەتتا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆزقارشىغا زىيادە ئېتىبار بېرىدۇ، باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. گەرچە ئۇلار بەزىدە ناھايىتى ئوچۇق- يورۇق يۈرسىمۇ، ناھايىتى كۆپ دوستلىرى باردەك قىلسىمۇ، لېكىن ناتۇنۇش كىشىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلماسلىقىدىكى سەۋەپ ئۇلار ئۆزىنى يوشۇرۇشقا ماھىر، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
ئۆزىنى كەمسىتىش- ئۆزىنى كۆزگە ئىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىر خىل پاسسىپ كەيپىيات تۇيغۇسى. پىسخولوگىيەدە ئۆزىنى كەمسىتىش بىر خىل يېتەرسىزلىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە پەزىلىتىگە ناھايىتى تۆۋەن باھا بېرىشنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ئالاقىدە جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسى كەمچىل، ئىش قىلغاندا يۈرەكسىز، ئۆزىنىڭ مۇستەققىل كۆزقارشى كەمچىل بولىدۇ، بىرەر مەسىلىگە يولۇقۇپ قالسا ئۆزىنى يارامسىز دەپ ھىس قىلىدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىزلارنىڭ ھەمىشە روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، مەردانە يۈرىدۇ، ناھايىتى تېتىك كۆرۈنىدۇ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىزلار يەنە ناھايىتى جەلپكار كېلىدۇ. بۇ خىل جەلپكارلىق ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر كىشىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ.
شۇڭا، خانىم- قىزلار ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، دۇنيادا سىزدىن پەقەت بىرىلا بار، گۈزەل بولۇش- بولماسلىقىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز دېگەن پەقەت بىرلا، سىز باشقىلارغا ھەرگىز ئوخشىمايسىز! ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزنى كەلسە- كەلمەس ئىنكار قىلىۋەرمەڭ. ئۆزىڭىزگە: «ئالدىمدىكى يول ھەرقانچە ئەگرى-توقاي بولسىمۇ چوقۇم مەنزىلگە يېتىپ بارالايمەن!» دەپ ئېيتىڭ. مەغلۇبىيەت ۋە توسالغۇلارغا توغرا يۈزلىنىڭ، تەجرىبە ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەڭ، مەڭگۈ بەل قويىۋەتمەڭ. ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىگە ئۆزى ئىشەنمىسە، يەنە قانداقمۇ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ پەققەت چوڭقۇر ئىشەنچكە ئىگە بولغان كىشىلەرلا ھەر خىل سىناق، توسالغۇ ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
قىزچاق، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، داڭلىق شەخسلەر كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىگە ئىشەنگەن، ئۇلۇغ غايىلەرنى تىكلىگەن. سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسىز، ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە يەنىلا ئۆزىڭىز. ئۆزىڭىزنى ئوڭايلىقچە ئىنكار قىلماڭ، بۇ سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ ئالغان بىرىنچى قەدىمىڭىز بولۇپ قالىدۇ.
دۇنيادا بىر- بىرىگە ئوپمۇ ئوخشاش بىر جۈپ ئادەم يوق، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس خارەكتىرى، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزلار ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگۈنىۋېلىشى كېرەك. باشقىلار ئالدىدا ئىشەنچ بىلەن مەيدىسىنى كېرىپ يۈرگەن ھەممىدىن ئەلا. ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت يوق، پەقەت سىز ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىزلا  بۇ دەل مۇۋەپپەقىيەتنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئاندىن ئۆزىڭىزنى تولۇقلاڭ، ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى ئۆزۈكسىز قېزىپ چىقىڭ، باشقىلارنىڭ سىزنى كۆزگە ئىلماسلىقىدىن ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ جاسارىتى يوقلىقىدىن قورقۇڭ. سىز ئۆزىڭىزنى قەدىرلىسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزنى قەدىرلەيدۇ، ھەركىتىڭىز ئارقىلىق قىممىتىڭىزنى نامايەن قىلىڭ.
پىسخولۇگلار «سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز ئىدىيە تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ» دېگەن. بەخت ۋە خوشاللىقلارنىڭ ھەممىسى مۇستەھكەم ئىشەنچ ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئادەم ئىشەنچىنى يوقاتسا بارلىق گۈزەللىكلەر مەنىسىنى يوقىتىدۇ. خانىم- قىزلار ھەرقانچە كۆرۈمسىز، نامرات بولسىمۇ ھەرگىز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك. بۇ ئالدى بىلەن شۇ كىشى ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىدا ئىپادىىنىدۇ. ئىشەنچ ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر دەل شۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن كېلىدۇ، ئىشەنچ خۇددى بىر بىنانىڭ غول تۈۋرۈكىگە ئوخشايدۇ. ئوخشاش پۇرسەت ئالدىدا ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايدۇ، ئۆزىگە ئىشەنچى يوقلار بولسا پۇرسەت ئالدىدا ئاھ ئۇرۇپ، مەغلۇپ بولىدۇ. رىئال تۇرمۇشتا ئىشەنچنىڭ كەم بولۇشى ئىش قىلىشتىكى بىر توسالغۇ، بەزىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈچلۈك قىزىقىش، ھەۋەس بىلەن قىلغان ئىش خوشاللىق ئاتا قىلسا، قىزىقىشى يوق مەجبۇرى قىلغان ئىش ئازاپلىق، جاپالىق بولىدۇ.
ئىشەنچ خانىم- قىزلارنى تېخىمۇ جەلىپكار قىلىدۇ، بىر جەلپكار قىز نەگىلا بارسا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بەزى قىزلار مەن چىرايلىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە داڭلق ماركىلىق كىيىمىلىرىممۇ يوق، مەندە جەلپكارلىق مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارايدۇ.  ئەمىلىيەتتە ھەر بىر قىزدا ئۆزىگە خاس جەلپكارلىق بولىدۇ، پەققەت باشقىلار بايقىيالماي قالغان خالاس. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ناچار يەرلىرىڭىزنىلا كۆرسىڭىز، بۇ خىل ئاڭنىڭ ئاگاھكلاندۇرىشى بىلەن پىسخكىڭىزدا شەكىلسىز بېسىم پەيدا بولىدۇ-دە، ئارتۇقچىلىقىڭىز قېزىلمايدۇ، ئەكسىچە ئىشەنچ بولسا سىزنىڭ روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ.بەلكىم سىزنىڭ چىرايىڭىز ئادەتتىكىچە بولىشى، كەمتۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمىلىيەتتە دۇنيادا تۇغما گۈزەل قىزلار كۆپ ئەمەس، كۆپ قىسمى ئادەتتىكىچە قىزلار، قىزلارنىڭ چىرايى، تەقى- تۇرقى، جەزبىدارلىقى، گىرىم قىلىشى، كىيىم- كېچىكى قاتارلىقلار قىزلارنىڭ جەلپكارلىقىنىڭ ھەممە قىسمى ئەمەس. ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ يوقايدۇ، مىجەز، قابىلىيەت، ئەقىل- پاراسەت، ماھارەت قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى گۈزەللىكلا قىزلارنى مەڭگۈلۈك جەلپكارلىققا ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، بىرەر پارچە چىرايلىق ھۆسنىخەت، كومپىيوتېر مەشغۇلات تېخنىكىسى قاتارلىقلارمۇ قىزلارنىڭ جەلپكارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئىشەنچ خانىم- قىزلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن مۇھىم بىر پەزىلەت. ئەگەر سىز بىر جەلپكار قىز بولۇشنى ئويلايدىكەنسىز، ئۇنداقتا ئاۋال ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ تەبەسسۈم قىلىڭ، چىرايىڭىزدا ئىشەنچ بىلەن تولغان ئىپادە بولسۇن! مەيلى قەيەردە، قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ جەلپكار قىز بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى