قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئانا ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

2017-12-10 13:12:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

              <جىڭ يۇەنجى --شىنجاڭ ياشلىرى 2016-6-سان>

   مەن ئانا ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن. ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە بولىدۇ، بولۇپمۇ بالىنىڭ بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىگىچە سىڭىپ كىرىدۇ. ئانام ليۇ شياۋكۈننىڭ ئاتا-ئانىسى جېجياڭ شاۋشىڭدىن بولۇپ، چوڭ دادام بولسا بېيجىڭدىكى داڭلىق جوڭيى دوختۇرى ليۇ رۈنفۇ ئىدى. ئانامنىڭ خاسلىقى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. كىچىك چېغىمدا ھەر كۈنى كەچ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئانام ماڭا بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بېرەتتى، بۇ ھېكايىنى ئۇ ئۆزى ئىجات قىلغان بولۇپ، قانچە يىللاپ ئېيتىپ بەرگەنىدى. ھېكايىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: بىر توپ ھايۋانلار تالادا ئويناۋاتقاندا زىراپە كەلكۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى تاغقا قاراپ يۈگۈرىدۇ، ئۇلار شۇ يۈگۈرگەنچە چوڭ بىر دەرياغا دۇچ كېلىدۇ، دەريادا ئىككى دانە كۆۋرۈك بولۇپ، بىرى رىشاتكىلىق كۆۋرۈك، يەنە بىرى بىر تاللا ياغاچتىن ياسالغان ياغاچ كۆۋرۈك ئىدى. ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى رىشاتكىلىق كۆۋرۈكنى تاللايدۇ، پەقەت بىر قوي ياغاچتىن ياسالغان كۆۋرۈكنى تاللايدۇ. رىشاتكىلىق كۆۋرۈكتە ھايۋانلار جىق بولغاچقا كۆتۈرەلمەي، غۇلاپ چۈشۈپ، ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سۇغا چۈشۈپ كېتىدۇ. پەقەت بىر قويلا ياغاچ كۆۋرۈكنى تاللىغاچقا ھايات قېلىپ ھاياتىنى داۋام قىلىدۇ.
 
  ئانام سۆزلەپ بەرگەن بۇ ھېكايىلەرنى مەن «ياغاچتىن ياسالغان كۆۋرۈكتىن ماڭغان قوزىچاق»دېگەن تېمىدا چاتما ھېكايە قىلىپ يېزىپ چىقتىم. بۇ ھېكايە تېخىمۇ كۆپلىگەن بالىلارغا يېڭىلىق يارىتىش يولىنى بىلدۈردى، بۇ يۈرۈشلۈك كىتابلار ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ،سېتىلىش مىقدارى پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى بولدى. ئانام ماڭا قايتا-قايتا سۆزلەپ بەرگەن بۇ ھېكايە ماڭا شۇ ھەقىقەتنى بىلدۈردى: «باشقىلار قىلغاننى قىلماي يېڭىلىق يارات». ئۇنىڭ ماڭا ئەڭ كۆپ دەيدىغان گېپى بولسا: «قوشناڭغا مەسلىھەت سال، ئۆزۈڭنىڭ بىلگىنى بويىچە قىل»دىن ئىبارەت ئىدى.
 
  مەن ئانامنىڭ ياغاچتىن ياسالغان كۆۋرۈك تەربىيەسى ئاستىدا چوڭ بولدۇم. تۇنجى قېتىم مەنپەئەتلەنگىنىم بولسا باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا سىنىپ مۇدىرى «مەن چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىمەن»دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىپ كېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە بىز چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولۇشىمىز، كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغۋار غايە تىكلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلدى. مەن قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ  ھاياتىمدىكى تۇنجى ماقالىنى يازغان چېغىمدا، باشقا ساۋاقداشلىرىم ئويلىمىغاننى ئويلاپ، ياغاچتىن ياسالغان كۆۋرۈكتىن مېڭىشنى تاللاپ، چوڭ بولغاندا ھاجەتخانا تازىلىغۇچى بولىدىغاننى يازدىم. ئويلىمىغان يەردىن سىنىپ مۇدىرى بۇ ماقالىنى مەكتەپنىڭ ژورنىلىغا تەۋىسيە قىلىپ، ئېلان قىلدۇردى. مەن رىغبەتلەندۈرۈلگەنىدىم، مەندە ھەتتا«بۇ دۇنيادىكى مەن يازغان ئەڭ ياخشى ماقالە»دېگەن خاتا تۇيغۇمۇ بولغانىدى، بۇ خاتا تۇيغۇ چوڭ بولغىنىمدا يېزىقچىلىق قىلىش يولىنى تاللاتقۇزغانىدى.
 
  يازغۇچى بولغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا ياغاچتىن ياسالغان كۆۋرۈكتىن مېڭىشىم كېرەك ئىدى. شۇڭا مەن قەرەللىك ژورنالنى يالغۇز بىر ئادەم يېزىش ھەم ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىدىم. قەدىمدىن تاكى ھازىرغىچە دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدىن ھېچقانداق بىر يازغۇچى بۇنداق قىلىپ باقمىغانىدى.1985-يىلى پەقەت ئۆزۈم يالغۇز «بالىلار ئەسەرلىرى شاھى» دېگەن ژورنالنى نەشىر قىلدۇرۇپ، تاكى ھازىرغىچە بۇ قەرەللىك ژورنالغا 26 يىل ئەسەر يازدىم. 2005-يىلىدىن باشلاپ، «بالىلار ئەسەرلىرى شاھى»دېگەن بۇ ژورنال يېرىم ئايلىق ژورنالغا ئۆزگىرىپ، تىراژى يۈز مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
 
  ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. ئانا بولغۇچى چوقۇم بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بالىڭىزنىڭ قايسى ساھەدە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنى خالىسىڭىز، شۇ ساھە بويىچە تەسىر كۆرسىتىشىڭىز لازىم. كوڭزى دەيدۇكى: «دانالارنىڭ دۇنيا قارىشى ئوخشىمايدۇ، ئەمما بىرلىككە كېلەلەيدۇ، نادانلارنىڭ دۇنيا قارىشى ئوخشاش بولسىمۇ بىرلىككە كەلمىكى تەستۇر». بالىڭىزنى باشقىلارغا ئوخشىمىغان يۆنىلىشتە تەربىيەلىسىڭىز ئۇ ھەقىقىي ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.
 
  بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئانىنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرالايدۇ ھەم مەغلۇپ قىلالايدۇ. ئانىنىڭ بەختى ئۇنىڭ بالىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن كېلىدۇ. بالىسىغا ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئانا ئۈچۈن ھەر كۈنى ئانىلار بايرىمى ھېساپلىنىدۇ. ئېسىڭزىدە بولسۇن: ئانا ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى