قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېسىڭىزدە بولسۇن

2017-12-11 17:14:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئېسىڭىزدە بولسۇن:
 ئۆتكەن ئىشلارنى كۆز ياش بىلەن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ، شۇڭا قىممەتلىك كۆز يېشىڭىزنى ئاسانلىقچە تۆكىۋەتمەڭ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن:
 تىلەش بىلەن ھەممە نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، شۇڭا باشقىلاردىن تىلەش ئارقىلىق غورۇرىڭىزنى دەپسەندە قىلىپ ياشاۋەرمەڭ؛
ئېسىڭىزدە بولسۇن:
 كىشى كۆڭلى يېرىم بولغاندا چوقۇم ياش تۆكۈشى زۆرۈر ئەمەس، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىڭىزگە پىخسىقلىق قىلماڭ؛
ئېسىڭىزدە بولسۇن:
 ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە ھېسىياتىڭىزنى چىرايىڭىزدا ئىپادىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاسانلىقچە سىرتقا ئىپادىلىمەڭ؛
ئېسىڭىزدە بولسۇن:
 سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى ياخشى كۆرىشى ناتايىن، شۇڭا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنلەرگە بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ؛
ئېسىڭىزدە بولسۇن:
 سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەسلىكى ناتايىن، شۇڭا ئۇلارغا ئازار بەرمەڭ؛
ئېسىڭىزدە بولسۇن:
 ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى چۈشىنىشى ناتايىن، شۇڭا جاھىللىق بىلەن كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيمەن دېمەڭ؛
ئېسىڭىزدە بولسۇن:
 سىزنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭىز نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە ئۆزىڭىزنى يارامسىز ھېس قىلماڭ، چۈنكى ھەممە ئىشنىڭ چوقۇم نەتىجە بېرىشى ناتايىن.
ئېسىڭىزدە بولسۇن:
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان پەقەت بىر ئۆزىڭىزلا دەپ قارىماڭ، باشقىلارنى مەندىن ۋاز كەچتى دەپ ئويلىماڭ، بەلكىم يەنە نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ئۈنسىز ياخشى كۆرىدۇ، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار بولۇڭ ...

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى