قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەخلەت سېتىپ باي بولغان مىليادنىر

2017-12-12 18:35:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يەرلىك ھۆكۈمەت مەلۇم بىر داڭلىق قەدىمىي قۇرۇلۇشنى رېمونت قىلماقچى بولىدۇ. قۇرۇلۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن قۇرۇلۇش مەيدانىدا 200 توننىدىن ئارتۇقراق كېرەكسىز ماتېرىياللار قېپقالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ ھۆددىگەرلەرگە بۇ ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلغۇزۇپ توشۇتۇۋەتمەكچى بولىدۇ.
نۇرغۇنلىغان ھۆددە سودىگەرلىرى بۇ قۇرۇلۇش تۈرىدىن پايدا ئالالماسلىقىدىن قورقۇپ، سودىگەر چاقىرىش يىغىنىغا قاتناشمايدۇ. ئەمما، سىتاك ئىسىملىك بىر سودىگەر بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى سېتىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋال باشقا سودىگەرلەرنىڭ چۈشەنمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى، بۇ سولتەكنىڭ كاللىسىغا سۇ كىرىپ قالدىمۇ نىمە؟ دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمما، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئۇلارنى چۆچۈتۈۋېتىدۇ. چۈنكى، سىتاك بۇ ئەخلەتلەرنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۆتكەپ كېتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بۇنىڭدىن زور پايدا ئالىدۇ. ئەسلىدە، سىتاك ئەخلەتلەرنى يۆتكەپ ئاپىرىپ شۇنداقلا تۆكۈۋەتمىگەن بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن بۇ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ ئوخشاش بولمىغان خاتىرە بۇيۇمى ياسايدۇ- دە، ئۇنى ساياھەتچىلەرگە سېتىپ بېرىپ، ئارىدىن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىدۇ. كېرەكسىز قوغۇشۇن، كېرەكسىز ئاليۇمىن قاتارلىقلاردىن خاتىرە سىزغۇچ ياساپ ساتىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق قارىماققا ئانچە قىممىتى يوقتەك كۆرۈنگەن بۇ 200 توننا ئەخلەتلەر ئەكسىچە بىباھا خاتىرە بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ. سىتاكمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىدۇ، ئاخىرى ئۇ بىر مىليادنىرغا ئايلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى