قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېھىر- شەپقەت

2017-12-12 18:37:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۆت يىل بۇرۇن، بۇ چوڭ شەھەرگە پۇل تاپقىلى كەلگەنىدىم. باھاسى ئەرزان بولغىنى ئۈچۈن، شەھەر سىرتىدىكى بىر بىنانىڭ 6- قەۋىتىدىن ئۆزۈمگە لايىق بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ تىرىكچىلىكنى باشلىۋەتتىم. شىركەتتىكى ئىشلىرىم ئالدىراش بولغاچقا سەھەر كېتىپ كەچ قايتاتتىم، شۇڭا يېرىم يىلغىچە قوشنىلىرىم بىلەن تونۇشالمىدىم ۋە يەكلەنگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا مەندە بۇ چوڭ شەھەرگە نىسبەتەن ھېچقانداق ھېسسىيات يوق ئىدى.
ئۇ چاغلاردا ئىشتىن كەلگىنىمدە ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ بولاتتى، ئۆيگە كىرىپ بىرەر نەرسە قىلىپ يېيىشكە ياكى ئاز - تولا كىر يۇيۇشقا ئارانلا ئۈلگۈرەتتىم، ئاندىن كارىۋىتىمنى تېپىۋالاتتىم. بىر كۈنى كىيىملىرىمنى يۇيۇپ بالكونغا يېيىۋەتتىم، ئەتىسى يېيىلغان كىيىملىرىمنىڭ ئارىسىدا پادىچىلار ئىشتىنىمنىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ بالكوندىن تۆۋەنگە قارىدىم. ئەمما تېخى تاڭ يورۇمىغاچقا، ئىشتاننىڭ قەيەرگە چۈشۈپ كەتكىنىنى بىلەلمىدىم.
ئەتىسى ئىشتىن قايتىپ كارىدورغا كىرىپلا پاكىز سۇلياۋ خالتىغا رەتلىك قاتلاپ سېلىنغان ئىشتىنىمنىڭ پەلەمپەي تۇتقۇچىغا ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. ئەسلىدىلا كونىراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇشنى خالىماي دېرىكىنى قىلمىغانىدىم، شۇڭا ئۇنى ئالماسلىقنى لايىق كۆردۈم: بەلكىم باشقىلار ئىگىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتەر دەپ ئويلىغانىدىم. ئەجەپلىنەرلىكى، ئەتىسى مېنىڭ ئىشتىنىم 2 - قەۋەتنىڭ پەلەمپەي تۇتقۇچىغا ئېسىپ قويۇلۇپتۇ، خالتىدىكى ئىشتانغا قاراپ: ئۆز ئورنىنى تاپالماپتۇ دەپ ئويلىدىم- دە، پەرۋاسىز چىقىپ كەتتىم.
ئويلىمىغان يەردىن 3 - كۈنى كەچتە ئۇ سۇلياۋ خالتا 3 - قەۋەتنىڭ پەلەمپەي تۇتقۇچىغا ئېسىلىپ قالدى، مېنىڭ بۇ ساخاۋەتچىنىڭ 6- قەۋەتكىچە زېرىكمەي چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەي كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. بۇ ئىش شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ، مېنىڭ ئۇ ئەتىۋارلىق ئىشتىنىم 5 - قەۋەتكىچە ئۆرلىدى، مەندىمۇ بۇ نامسىز قەھرىماننى كۆرۈش ھەۋىسى كۈچەيدى. ئىشتان 6 - قەۋەتكە ئۆرلەيدىغان كۈنى شىركەتتىن رۇخسەت ئالدىم ۋە ئىشىك ئالدىنى كۆزىتىدىغان مۈشۈك كۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇ ئاق كۆڭۈل ئادەمنى كۈتتۈم. ئويلىغىنىمدەك ئىككى سائەتلەردىن كېيىن پەلەمپەيدىن ئۈزۈك- ئۈزۈك ئاياغ تىۋىشى كەلدى ۋە ئىشىك ئالدىدا ھاسىغا تايانغان، چاچلىرى ئاقارغان بىر بوۋاي پەيدا بولدى- دە، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئىشتىنىم سېلىنغان خالتىنى پەلەمپەي تۇتقۇچىغا باغلاشقا تۇتۇندى.
ـــ بوۋا! - ئۇ ئاۋازىمدىن چۆچۈپ كەينىگە يېرىم قايرىلدى، -بوۋا، بۇ ئىشتان مېنىڭ، نېمىشقا بۇ ئىشتاننى ئېرىنمەي قەۋەتمۇ- قەۋەت ئېلىپ چىقىسىز؟!
ـــ ياخشىلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇشى كېرەك، ئوغلۇم، -دېدى بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ، - مېنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش ئالدىراش ۋاقىتلىرىم بولغان... بەلكىم باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇشنى خالىمىغانسەن... ئىشتىنىڭ مېنىڭ بالكونومغا ئىلىنىشىپ قاپتىكەن، كۈندە ئىگىسىنى ئىزدىدىم، بىراق ئالدىراشچىلىقتا ئېرەن قىلمىغان بولسا كېرەك، ئېلىپ كېتىشمىدى. ئاخىرقى ئۈمىدىم 6- قەۋەتتە قالغانىدى... بوۋاي كۆزۈمگە تېتىكلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈندى. ئۇ مېنىڭ يۆلەش ئۈچۈن سۇنغان قولۇمنى رەت قىلىپ، پەسكە ئۆزى چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ يۈرىكىم ئاغدى. مۇھەببەت ھەممىلا يەردە مەۋجۇت ئىكەن، مەن سوغۇق دەپ قارىغان، مېنى يەكلىدى دەپ بىلگەن بۇ شەھەرمۇ تېخى ھايات ئىكەن. بۇرۇن مەن بۇ مۇھەببەتكە خۇدۈكسىرەش نەزىرىدە قاراپ، قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان ئىكەنمەن...

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى