قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلىك پارچە

2017-12-12 18:50:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە ئېھتىيات قىلىشنىمۇ بىلىڭ. خالىغانچە باشقىلارغا ئاچچىقلانماڭ.
ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالىڭىز ئازابلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۆتكەن خۇشال كۈنلىرىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئازابلار ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
ۋاز كېچىشنى بىلىڭ، سىز ھەممە نەرسىگە ئېرىشمەن دەپ ئويلىماڭ، چۈنكى سىزنىڭ قۇچىقىڭىز ئۇنچە چوڭ ئەمەس، سىز ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەن ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تولىمۇ يەڭگىل ھېس قىلىپ قالىسىز.
ئۆزىڭىزگە ھېچقانداق باھانە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى قالدۇرماڭ. چۈنكى كەچۈرگۈسىز خاتالىقلار ئالدىدا بۇنداق باھانىلەر ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ.
ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، مۇستەقىل ياشاش، ئىشلاردا مۇرەسسە قىلىشنى ئۆگىنىڭ، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماڭ ئاساسىي پىرىنسپتا چىڭ تۇرۇڭ.
ھەممە بەدەل تۆلەشنىڭ جەزمەن سىز ئۈمىد قىلغاندەك نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن، كۆپ ھاللاردا ھاۋاغا سۇنغان قولىڭىزنىڭ قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
 ئازابلىق ئۆتمۈشنى ئۇنتىيالمىسىڭىز، ئۇنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇڭ. ئۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ ھازىرقى  ئشىلرىىڭىز توسالغۇغا ئۇچرىسا بولمايدۇ
ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ھاياتقا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەتتۇر.
ئەگەر بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئورۇنلىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئەتە بىر تالاي ئىشلار ئالدىدا تولىمۇ كېچىكىپ قالىسىز. چۈنكى ئەتىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى بولىدۇ. شۇڭا، بۈگۈننىڭ ئىشىنى بۈگۈن ئورۇنداڭ.
كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۆز- ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياكى ئۆزىنى ئىسراپ قىلىۋېتىش ئەمەس.
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ھەسرەت- نادامەتتە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. چۈنكى سىز ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرگە ئېرىشكەن ئىكەنسىز، ئۇنىڭدىن ھامان ئايرىلىسىز. ئەگەر سىز بۇ ئايرىلىشتىن قاتتىق ئازابلىنىپ، ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرۈۋالسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كېيىنكى مۇساپىڭىزنى كىم باسىدۇ؟ يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر بىر ئىشنى قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولسا، ئۇنى باشلاڭ. باشلاڭ-دە ئۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ. ھەرگىز يېرىم يولدا توختىتىپ قويماڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى